نېمىدېگەن خەتەرلىك! بىر ئايال «دوۋيىندىكى 1 مىليون يۈەنلىك كاپالەت» ئالدامچىلىقىغا ئۇچرىدى، خەلق ساقچىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك نەسىھەت قىلىپ توسىدى
16:30:06 2024-07-23 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

بىڭتۇەن 6- شى فاڭساۋخۇ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلۇق گۇڭئەن ئىدارىسى ماچياۋ ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى ئىش بېجىرگىلى كەلگەن ئاممىغا تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئۇسۇلى ۋە ۋاسىتىسىنى چۈشەندۈرمەكتە. ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ يەنيەن فوتوسى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر گو يۈچياڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ يەنيەن) «ئەگەر سىزگە ناتونۇش نومۇردىن تېلېفون ياكى قىسقا ئۇچۇر كېلىپ، سىزگە <دوۋيىندىكى 1 مىليون يۈەنلىك كاپالەت> كەسپىنىڭ قەرەلى توشقانلىقىنى، ھەق تاپشۇرۇپ سۇغۇرتا مۇددىتىنى داۋاملىق ئۇزارتىشقا ياكى ھەق تۇتۇپ قېلىشنى تاقاشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتسا، چوقۇم ھوشيارلىقىڭىزنى ئۆستۈرۈڭ!» 7-  ئاينىڭ 17- كۈنى، بىڭتۇەن 6- شى فاڭساۋخۇ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلۇق گۇڭئەن ئىدارىسى ماچياۋ ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى بىر قېتىملىق تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك نەسىھەت قىلىپ توسقاندىن كېيىن، ئالدىنىپ كەتكىلى تاس قالغان ليۇ Xكە «دوۋيىندىكى 1 مىليون يۈەنلىك كاپالەت» تۈرىدىكى ئالدامچىلىقنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.

 شۇ كۈنى، ماچياۋ ساقچىخانىسى تەۋەلىكتىكى ليۇ Xنىڭ تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىغا ئۇچرىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدىكى ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالدى. نۆۋەتچى خەلق ساقچىسى دەرھال ليۇ X بىلەن ئالاقىلەشمەكچى بولدى، لېكىن ئۇنىڭ يان تېلېفونى ئىزچىل «سۆزلىشىۋاتقان» ھالەتتە ئىدى. خەلق ساقچىسى دەرھال ليۇ Xنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئەنسىرىگەن ھالدا ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ: «ھەرگىز پۇل يۆتكىمەڭ، بۇ تىپىك ئالدامچىلىق يولى، سىز ئاللىقاچان ئالدىنىپ بولدىڭىز»، دېدى.

 ئىگىلىنىشىچە، ليۇ Xكە ناتونۇش بىر نومۇردىن تېلېفون كەلگەن. قارشى تەرەپ ئۆزىنى دوۋيىن سۇپىسىنىڭ مۇلازىمى دەپ ئاتاپ، ئەگەر ئۇ «دوۋيىندىكى 1 مىليون يۈەنلىك كاپالەت» كەسپىنى تاقىمىسا، ھەر ئايدا ئاپتوماتىك پۇل تۇتۇلۇپ ماڭىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ليۇ X بۇنىڭغا ئىشىنىپ، قارشى تەرەپنىڭ تەلىپى بويىچە يان تېلېفوندا مەشغۇلات قىلىشقا باشلىغان.

 ھېلىمۇ ياخشى، ھالقىلىق پەيتتە، خەلق ساقچىسى ۋاقتىدا يېتىپ كەلدى. خەلق ساقچىسىنىڭ چۈشەندۈرۈشى بىلەن ليۇ X ئۆزىنىڭ ئالدانغىلى تاس قالغانلىقىنى بىلىپ يەتتى، ئۇ خەلق ساقچىسىغا: «سىلەرگە كۆپ رەھمەت، مەن جاپا تارتىپ يىغقان پۇلۇم ئالدامچىنىڭ يانچۇقىغا كىرىپ كەتكىلى تاس قاپتۇ»، دېدى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125