بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، تېزدىن دوختۇرغا كۆرۈنۈڭ! جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزى جىددىي ئەسكەرتمە چىقاردى
12:32:55 2024-08-01 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى 7- ئاينىڭ 22- كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، مەۋسۇم ۋە ساغلاملىققا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. يېقىندا نۇرغۇن تورداش ئۆزىنىڭ سىرتقا ساياھەتكە چىققاندا سالجا چىقىۋالغاندىن كېيىنكى كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلىدى، ياز كېلىشى بىلەن، سالجا جانلىنىدىغان مەزگىلمۇ يېتىپ كەلدى. جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى چاڭ جاۋرۇي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاھالىلەر تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، سالجا چېقىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئالسا بولىدۇ: 

 بىرىنچى، بەدىنى ئېچىلىپ قالمايدىغان كىيىملەرنى كىيىش كېرەك. سالجا تۈرىدىكى ھاشاراتلار ئاساسلىق ماكانلاشقان، مەسىلەن، ئوتلاق، ئورمان قاتارلىق مۇھىتتا ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرۇش، يېتىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش كېرەك. دالىدا ھەرىكەت قىلغاندا ئىمكانقەدەر سۇسراق رەڭدىكى ئۇزۇن يەڭلىك كىيىم، ئۇزۇن ئىشتان كىيىۋېلىش، ياقىنى چىڭ ئېتىش، يەڭنىڭ ئۇچى ۋە ئىشتاننىڭ پۇچقىقىنى ياخشى بوغۇۋېتىش، ساپما كەش كىيمەسلىك كېرەك. چىملىق، دەل- دەرەخلەرگە كىيىم- كېچەكلەرنى يېيىپ ئاپتاپقا سالماسلىق كېرەك.

 ئىككىنچى، دالا پائالىيىتىدە مۇداپىئەنى ياخشى قىلىش كېرەك. دالا پائالىيىتىدىن بۇرۇن تەركىبىدە %0.5لىك خىلور پېرتېرىن(氯菊酯) بولغان مەھسۇلاتلارنى كىيىم- كېچەك ۋە جابدۇقلارغا چېچىش ھەمدە ئۇنى كۆپ قېتىم چېچىش ئارقىلىق مۇداپىئەلىنىش ئۈنۈمىنى ساقلاش كېرەك؛ تەركىبىدە لىمون ئېۋكالىپت (柠檬桉) ياكى ھاشاراتلارنى قاچۇرغۇچى دورا تەركىبى بولغان ھاشاراتلارنى قاچۇرۇش دورىسىنى يالىڭاچ تېرە قىسمىغا سۈركەش كېرەك.

 ئۈچىنچى، ئۆيگە كىرىشتىن بۇرۇن ئوبدان تەكشۈرۈش كېرەك. چاپان، سومكا ۋە ئەرمەك ھايۋانلارنىڭ بەدىنىدە سالجىنىڭ بار- يوقلۇقىنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تېزدىن يۇيۇنۇپ كىيىم ئالماشتۇرۇش ھەمدە چاچ، جەينەك ئارىلىقى، قولتۇق، بويۇن، قۇلاق كەينى، چات يېرىقى قاتارلىق سالجا ئاسان يوشۇرۇنىدىغان ئورۇنلارنى تەكشۈرۈش كېرەك. 

 تۆتىنچى، مۇھىتنى تازىلىقىنى قەرەللىك ئىشلەش كېرەك. ياۋا ئوت- چۆپلەرنى، ئەخلەتلەرنى ۋاقتىدا بىرتەرەپ قىلىش، ئۆي قۇشلىرى، چارۋا مال قوتانلىرىنى تازىلاپ، سالجىنىڭ كۆپىيىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. ئەگەر ئۆيدىكى ئەرمەك ھايۋانلار، چارۋىلاردا سالجا پارازىتى بايقالسا، ئۇلارنى سالجا ئۆلتۈرىدىغان دورا بىلەن يۇيۇش كېرەك. 

 ئەگەر تېرىنى سالجا چېقىۋالغانلىقى بايقالسا، سالجىنى دەرھال ئېلىۋېتىش كېرەك، ئەمما قول بىلەن بىۋاسىتە تارتىپ ئېلىۋېتىشكە بولمايدۇ. ئىسپىرتنى سالجىنىڭ بەدىنىگە پۈركۈپ، ئاندىن پاكىز ئۇچلۇق موچىننى ئىمكانقەدەر تېرىنىڭ سىرتقى يۈزىگە يېقىنلاشتۇرۇپ سالجىنى قىسىپ، مۇقىم، تەكشى كۈچ بىلەن يۇقىرىغا تارتىش كېرەك، سالجىنىڭ باش قىسمىنىڭ تېرە ئىچىدە قېلىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سالجىنى تولغىماسلىق ياكى كۈچەپ تارتماسلىق كېرەك، ئەگەر ئۆزى ئېلىۋېتىشكە ئىشەنچىسى بولمىسا، تېزدىن دوختۇرخانىغا بېرىپ دوختۇرنىڭ كەسپىي بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلىش كېرەك. سالجىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن، يود تىنكتۇرىسى، ئىسپىرت بىلەن چېقىۋالغان ئورۇن ۋە ئىككى قولىنى دېزىنفېكسىيەلەش كېرەك. ئۆزىنى ئىككى ھەپتە كۆزىتىش كېرەك، ئەگەر قىزىش، ماغدۇرسىزلىنىش، مۇسكۇللار تېلىپ ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش ھەمدە دوختۇرغا سالجا چېقىۋېلىش تارىخىنى ئۇقتۇرۇش كېرەك.

 پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مالىيە- ئىقتىساد قانىلى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125