7- ئاينىڭ 20- كۈنى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ 2024- يىللىق «ئانار دانىسى لوڭقىسى» ۋە «شىنمىن كەچلىك گېزىتى لوڭقىسى» ياش- ئۆسمۈرلەر (تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ گۇرۇپپىسى) مەكتەپ پۇتبولى دوستلۇق مۇسابىقىسى شېنجېن- قەشقەر ياش- ئۆسمۈرلەر پۇتبول مەشىق بازىسىدا رەسمىي باشلاندى. قەشقەر ۋىلايىتىدىكى 12 ناھىيە (شەھەر) ۋەكىللەر كوماندىسىدىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان توپچىلار، تىرېنېرلار ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى تۇراخۇن ئابدۇراخمان باشلىنىش مۇراسىمىدا توپ باشلىدى.
باشلىنىش مۇراسىمى مۇسابىقىسىنى قەشقەر شەھىرى كوماندىسى بىلەن مەكىت ناھىيەسى كوماندىسى ئوينىدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى تەرەپ توپچىلىرى قەتئىيلىك بىلەن كەسكىن مۇسابىقىلەشتى، توپ ئېلىپ مېڭىش، توپ تالىشىش، ۋاراتاغا توپ تېپىشتىن ئىبارەت تۈرلۈك تېخنىكىلىق ھەرىكەتلەرنى ئۇستىلىق بىلەن تاماملاپ، ئىككى تەرەپ توپچىلىرىنىڭ توپ ماھارىتى ۋە ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش روھىنى نامايان قىلدى. ئاخىرىدا قەشقەر شەھىرى كوماندىسى بىرگە قارشى ئالتە نەتىجە بىلەن مەكىت كوماندىسىنى يېڭىپ، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ياخشى باشلىنىشنى قولغا كەلتۈردى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە 7- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 24- كۈنىگىچە بەش كۈن داۋاملىشىدىكەن. پۇتبول مۇسابىقىسى ئارقىلىق، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ياش- ئۆسمۈرلەر پۇتبول ھەرىكىتىدە ساغلاملىق، خۇشاللىق ۋە دوستلۇققا ئېرىشىپلا قالماي، يەنە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ناھىيە (شەھەر)لىرى ئارا تەنتەربىيە مەدەنىيىتىنى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمتۈرتكە بولۇشنىمۇ يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدىكەن.
(قەشقەر شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرلىرى جاڭ يۆجياۋ، راھىدىن، ۋاڭ رۇڭ، گو شىڭۋېن)