يېڭىسار ناھىيەسىدىكى دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ ئۆزگەرتىلگەن جۇڭجياۋ ئورمان باغچىسى قىياپەت ۋە مەنزىرە دەرىجسىدە «ماس قەدەمدە ئۆرلەش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باغچە يېڭى ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، ئاھالىلەرنىڭ داكا قىلىدىغان جايىغا ئايلاندى.
7- ئاينىڭ 16- كۈنى، جۇڭجياۋ ئورمان باغچىسىغا كەلگىنىمىزدە، باغچىنىڭ سىرتقى تەرىپىدىكى يېپيېڭى «قىزىل كۆك» ئىككى خىل رەڭلىك يۈگۈرۈش يولى بۈك- باراقسان ئورمانلىق ئاستىغا سوزۇلغان بولۇپ، يۈگۈرۈش ھەۋەسكارلىرى يۈگۈرۈش يولىدا چېنىقىۋاتاتتى. ئىلگىرىكى خىش يوللۇق كونا يۈگۈرۈش يولىغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ يېڭى يۈگۈرۈش يولى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى بىلەن، يۈگۈرۈش ھەۋەسكارى مۇستاپا ۋە نۇرغۇن يۈگۈرگۈچىلەرنىڭ قەلبىنى مايىل قىلدى.