قىزىل يېزىسى يېڭىسار ناھىيەسىدە تۇنجى بولۇپ «كوئىنلۇن نەشپۈتى»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېتىشتۈرگەن يېزا- بازار بولۇپ، نۆۋەتتە، قىزىل يېزىسىدىكى 100 مودىن ئارتۇق نەشپۈتلۈكتە مول ھوسۇل مەنزىرىسى نامايەن بولدى.
7- ئاينىڭ 16- كۈنى سەھەردە، يېڭىسار ناھىيە قىزىل يېزىسىدىكى «كوئىنلۇن نەشپۈتى» ئۆستۈرۈش بازىسىدا، ياپيېشىل نەشپۈتلەر شاخلارنى ئېگىپ، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان خۇش پۇراق چېچىپ تۇراتتى. دېھقان گۇ ۋېيخۇڭ نەشپۈتنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، ئۈزۈش، ئايرىش، ئوراش، يەشىككە قاچىلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، چېھرىدە مول ھوسۇل شادلىقى جىلۋىلەنگەنىدى.