جانلىق تەڭشەلدى! داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش ئۇسۇلى ئىسلاھاتىنىڭ 2.0 نۇسخىدىكى گۇرۇپپىلارغا ئايرىش لايىھەسىنى چۈشىنىۋېلىڭ
18:32:40 2024-07-23 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 7- ئاينىڭ 23- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش ئۇسۇلى ئىسلاھاتى (كېسەللىك گۇرۇپپىسى ۋە كېسەللىك تۈرى نومۇر قىممىتى بويىچە ھەق تۆلەش 2.0 نۇسخىسىدىكى گۇرۇپپىلارغا ئايرىش لايىھەسى)نى تونۇشتۇردى.

2023- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش غەملىنىدىغان %90تىن ئارتۇق رايوندا كېسەللىك گۇرۇپپىسى ۋە كېسەللىك تۈرى نومۇر قىممىتى بويىچە ھەق تۆلەش ئۇسۇلى ئىسلاھاتى قانات يايدۇرۇلدى، بۇ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەننەرخنى كونترول قىلىشى، دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشىدا ئاكتىپ رول ئوينىدى. لېكىن ئىسلاھاتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان گۇرۇپپىلارغا ئايرىش دەل جايىدا بولماسلىق، كىلىنىكىغا يېقىن بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلدى، دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى گۇرۇپپىلارغا ئايرىشنى جانلىق تەڭشەپ، 2.0 نۇسخىدىكى گۇرۇپپىلارغا ئايرىش لايىھەسىنى شەكىللەندۈردى. كېسەللىك گۇرۇپپىسى ۋە كېسەللىك تۈرى نومۇر قىممىتى بويىچە ھەق تۆلەش، تارىخىي سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق دەل جايىدا ئۆلچەش داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندى تۈجۈپىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ «كۆپ پۇل خەجلەش، كۆپ پۇل تېپىش» ئاساسىي ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەننەرخنى باشقۇرۇش - كونترول قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرىدۇ.

(باش ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى لۇڭ شياۋچىن)

 پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125