بېقىلىۋاتقان تۆگە سانى جەھەتتە پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە 1- ئورۇندا تۇرىدۇ
16:12:21 2024-07-31 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

تۆگىچىلىك كەسپى كەلپىننىڭ خاس نام كارتىسىغا ئايلاندى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن جياڭلىن

 7- ئاينىڭ 20- كۈنى، «شەرق شامىلى» ماركىلىق يېڭى بىر سوغۇق ساقلاش ئاپتوموبىلى شىنجاڭ شىنتو سۈتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ دەرۋازىسىدىن ئاستا كىرىپ كەلدى، شوپۇر مۇستاپا ئەركىن ئاپتوموبىلنى مۇقىم توختاتقاندىن كېيىن سۈتلەرنى چاققانلىق بىلەن چۈشۈردى. ئۇ ھەر بىر چېلەك تۆگە سۈتىنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتلىك بولغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز ناخشىغا غىڭشىشقا باشلىدى.

7- ئاينىڭ 14- كۈنى، كەلپىن ناھىيەسىنىڭ گەزلىك بازىرى ئۈستۈنكى باغلىق كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى مۇستاپا ئەركىن يېڭىدىن سېتىۋالغان سوغۇق ساقلاش ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ، شىنجاڭ شىنتو سۈتچىلىك چەكلىك شىركىتىگە تۆگە سۈتى ئەكەلدى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن جياڭلىن فوتوسى

 مۇستاپا كەلپىن ناھىيەسىنىڭ گەزلىك بازىرى ئۈستۈنكى باغلىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى، 2021- يىلى، ئۇ شىنجاڭ قاتناش كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنى پۈتكۈزگەندە، دەل كەلپىن ناھىيەسى تۆگە باقمىچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇۋاتقانىدى. كەلپىن ناھىيەسى تەۋەسىدە چۆل- جەزىرە كەڭ تارقالغان بولۇپ، ئۆزگىچە چۆللۈك ئىشقارلىق چارۋىچىلىق مەيدانى بەلبېغى ۋە تەبىئىي مول يېمەكلىكلەر تۆگىنىڭ ياشىشىغا ناھايىتى ماس كەلگەچكە، ئۇ قەتئىيلىك بىلەن يۇرتىغا قايتىپ تۆگە باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىشنى تاللىدى.

 مۇستاپانىڭ ئۆيىدىكى تۆگىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، تۆگە سۈتىنى سېتىش قىيىن مەسىلىگە ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ كەسكىنلىك بىلەن شوپۇرلۇق ئىمتىھانى بېرىپ پىراۋا ئالدى، ھەمدە بىر يۈك ئاپتوموبىلى سېتىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ تۆگە سۈتلىرىنى سېتىپ چىقارماقچى بولدى. لېكىن، تۆگە سۈتىنىڭ سۈپەت كاپالەت مۇددىتى قىسقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە سېتىش يوللىرى تار بولغاچقا، ئۇنىڭ تىرىشچانلىق بىلەن قىلغان كىرىمى چىقىمىغا ئاران بويلاشتى.

 2021- يىلى 7- ئايدا، شىنجاڭ شىنتو سۈتچىلىك چەكلىك شىركىتى كەلپىنگە ماكانلاشقاندىن كېيىن، كۆلىمى 50 مو كېلىدىغان، 1- قاراردا 60 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان، 2 مىليون 80 مىڭ مو ئورگانىك چارۋىچىلىق مەيدانى، 10 مىڭ تۆگە باقمىچىلىق بازىسى ۋە ئۈچ ئاپتوماتىك ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى بار بۇ كارخانا تۆگە سۈتى كەسپىگە يېڭى ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى.

 «بىز ئىشلەپچىقارغان تۆگە سۈتى پاراشوكى يۈرۈشلۈكى، مىكروبسىزلاندۇرۇلغان تۆگە سۈتى يۈرۈشلۈكى، ئېچىتىلغان تۆگە سۈتى يۈرۈشلۈكى قاتارلىق ئون نەچچە خىل مەھسۇلات ئىستېمالچىلارنىڭ ئىنتايىن ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. مەھسۇلاتلار ئۈرۈمچىدىكى 139 دۇكاندا سېتىلىپلا قالماي، پۈتۈن شىنجاڭدا يەنە 500دىن ئارتۇق تارماق دۇكان بار، مەھسۇلاتلارنى ياۋروپا، ئامېرىكىغا سېتىشنى پىلانلاۋاتىمىز». شىنجاڭ شىنتو سۈتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جاۋ لىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بازار ئېھتىياجى يىلدىن- يىلغا ئېشىۋاتىدۇ، ئۆزىمىزنىڭ باقمىچىلىق بازىسى سۈت مەنبەسى بىلەن تەمىنلىگەندىن سىرت، يەنە ئەتراپتىكى ئاممىدىن تۆگە سۈتى سېتىۋالىمىز».

 مۇخبىر شىنجاڭ شىنتو سۈتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ يېڭى خام سۈت تەكشۈرۈش تەجرىبىخانىسىغا كېلىپ، چېلەكلەردىكى يېڭى تۆگە سۈتىنىڭ قاتتىق تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى كۆردى. شىنجاڭ شىنتو سۈتچىلىك چەكلىك شىركىتى مەھسۇلات سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، «ئىككىنى تەكشۈرۈش، ئىككىنى كىرگۈزۈش» پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، سېتىۋالغان تۆگە سۈتىنى 115 تۈرلۈك كۆرسەتكۈچ بويىچە تەكشۈرەتتى.

 2022- يىلى، مۇستاپا بۇ شىركەت بىلەن ھەمكارلاشتى، ھەر كىلوگىرام تۆگە سۈتىنى 30 يۈەندىن سېتىۋېلىش باھاسى ئۇنى خاتىرجەم قىلدى.

7- ئاينىڭ 14- كۈنى شىنجاڭ شىنتو سۈتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى باقمىچىلار ئېلىپ كەلگەن تۆگە سۈتىنى تەكشۈرمەكتە. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن جياڭلىن فوتوسى

 نۆۋەتتە، شىنتو سۈتچىلىك چەكلىك شىركىتى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئۈچ توننا تۆگە سۈتىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. مۇستاپا ئائىلىسىنىڭ 20 ھىنگانىدىن كۈنىگە 60 كىلوگىرام تۆگە سۈتى چىقىدۇ. ئۇ بوش ۋاقىتلىرىدا يەنە يۇرتداشلىرىغا ياردەملىشىپ ئۇلارنىڭ تۆگە سۈتىنى توشۇپ بېرىدۇ، ھەر يىلى 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىدۇ. ئۇ بۇ يىلنىڭ بېشىدا يېڭىدىن سېتىۋالغان سوغۇق ساقلاش ئاپتوموبىلىغا قاراپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن كەلگۈسىنى پىلانلىدى: «2025-يىلى،  يەنە 20 ھىنگان باقىمەن!».

 نۆۋەتتە، كەلپىن ناھىيەسىدە بېقىلىۋاتقان تۆگە 45 مىڭ بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە 1- ئورۇندا تۇرىدۇ. 10 مىڭ  تۆگە باقىدىغان بازىدىن ئىككىسى، مىڭ تۆگە باقىدىغان بازىدىن ئۈچى قۇرۇلۇپ، تۆگە باقمىچىلىقى شۇ جاينىڭ خاس نام كارتىسىغا ئايلاندى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125