جۇڭگو شىنجاڭ − ئۆزبېكىستان سەمەرقەنت ئوبلاستى كارخانىلىرىنىڭ ئۇدۇللىشىش، كېڭىشىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى
21:26:16 2024-07-23 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

جۇڭگو شىنجاڭ − ئۆزبېكىستان سەمەرقەنت ئوبلاستى كارخانىلىرىنىڭ ئۇدۇللىشىش، كېڭىشىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى ياڭ) 7- ئاينىڭ 22- كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو شىنجاڭ − ئۆزبېكىستان سەمەرقەنت ئوبلاستى كارخانىلىرىنىڭ ئۇدۇللىشىش، كېڭىشىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئۆزبېكىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئارزىيېف، ئۆزبېكىستان سەمەرقەنت ئوبلاستىنىڭ ئوبلاست باشلىقى تۇردىموف قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

 ئەركىن تۇنىياز سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو- ئۆزبېكىستان دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ مىرزىيويېف قويۇق ھەمتۈرتكە بولدى، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى يېڭى دەۋردىكى دائىملىق ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ جۇڭگو − ئۆزبېكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى ئورتاق جاكارلىدى. جۇڭگو شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى»نى چىڭ كۆزلەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش مۇھىم پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلماقتا. بىز بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ۋە جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئۆزبېكىستان بىلەن، بولۇپمۇ سەمەرقەنت ئوبلاستى بىلەن بولغان دوستانە ئالاقىسىنى سىجىل كېڭەيتىپ، سودىغا مەبلەغ سېلىش، ئېنېرگىيە بايلىقى، پەن- تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت- ساياھەت، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو- قىرغىزىستان- ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى تەرەپ كارخانىلىرى ئارىسىدىكى ئۇدۇللىشىش، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز. بىز بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت- سودا مۇھىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىشىنى ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيمىز.

 ئارزىيېف سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو- ئۆزبېكىستان ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى مەنزىل ئېچىپ بەردى، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى يەرلىكلەر ھەمكارلىقى ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. بۇ يىل 1- ئايدا، جۇڭگو − ئۆزبېكىستان يەرلىكلەر ھەمكارلىق مۇنبىرى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلۈپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەنت ئوبلاستى بىلەن جۇڭگو شىنجاڭ ئارىسىدىكى ئىقتىساد- سودا، مەدەنىيەت- ساياھەت قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

 تۇردىموف سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو شىنجاڭ سەمەرقەنت ئوبلاستىنىڭ مۇھىم ھەمراھى. ئىككى جاينىڭ بايلىقى مول، ھەمكارلىق بوشلۇقى غايەت زور. يېزا ئىگىلىكى، دورا ياساش، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات، توقۇمىچىلىق، ئۇچۇر تېخنىكىسى قاتارلىق ساھەلەردە چوڭقۇر ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. سەمەرقەنت ئوبلاستى سانائەت باغچە رايونى بەرپا قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق جۇڭگو شىنجاڭدىكى تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنىڭ كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشىنى قارشى ئالىدۇ.

 ئۆزبېكىستان سەمەرقەنت ئوبلاستىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى تونۇشتۇردى.

 جۇڭگو شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، توقۇمىچىلىق، ماشىنا ياسىمىچىلىقى، مائارىپ، ساياھەت، بىناكارلىق قاتارلىق ساھەلىرىدىكى كارخانا ۋەكىللىرى بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەنت ئوبلاستىدىن كەلگەن كارخانىلار ھەم ئالاقىدار ئاپپاراتلارنىڭ ۋەكىللىرى ئىقتىساد- سودىدا ئۇدۇللىشىش، كېڭىشىش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

 سۈن خۇڭمېي رىياسەتچىلىك قىلدى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125