مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيىلەش ئاپپاراتلىرىدىن «ھەقنى قايتۇرۇۋېلىش تەس» سوتچى سىزگە قانداق قىلىشنى ئۆگىتىدۇ
13:15:28 2024-08-01 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

سوتچى سىزگە قانداق قىلىشنى ئۆگىتىدۇ

ۋاڭ يۈخەن سىزغان

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى مۇخبىرى گۇ شۆلى

 نۇرغۇن ئائىلە باشلىقى بالىلىرىنى كۇرۇژۇكلارغا تىزىملىتىپ، بىر قېتىمدىلا خېلى كۆپ تەربىيەلەش ھەققىنى ئالدىن تاپشۇرىدۇ، ئەمما پۇل تاپشۇرۇش ئاسان، قايتۇرۇۋېلىش تەس. يېقىندا، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىشەھەر رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ سوت مەھكىمىسى تەربىيەلەش ھەققىنى ئالدىن تۆلىگەندىن كېيىن «ھەقنى قايتۇرۇۋېلىش قىيىن بولۇش»قا ئائىت بىرقانچە قېتىملىق دېلونى قوبۇل قىلغان، سوتچى بۇ ھەقتە ئالاقىدار ئەسكەرتىش بەردى.

 ئائىلە باشلىقلىرى «ھەقنى قايتۇرۇۋېلىش تەس» بولۇشقا كۆپ قېتىم ئۇچرىدى

 بۇ يىل 7- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، جاڭ رۇي ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىشەھەر رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دەۋادىن ئىلگىرىكى مۇرەسسە قىلىش كوللېكتىپىنىڭ ياردىمىدە، ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئۇسسۇل تەربىيەلەش ئاپپاراتى قايتۇرۇپ بەرگەن 1000 يۈەندىن ئارتۇق تەربىيەلەش ھەققىنى ئاخىرى تاپشۇرۇۋالدى.

 7- ئاينىڭ بېشىدا، جاڭ رۇي ئۇسسۇل ئويناشنى ياخشى كۆرىدىغان ئوغلىغا بىر ئۇسسۇل تەربىيەلەش ئاپپاراتىنى تاللاپ بەردى، ئەسلىدە پۇل تاپشۇرساملا ئوغلۇم ماھارەت ئۆگىنەلەيدۇ دەپ ئويلىغانىدى، كىم بىلسۇن، بالا بىر نەچچە سائەت دەرس قاتناشقاندىن كېيىن تەربىيەلەش ئاپپاراتى ۋەدە قىلغاندەك مۇناسىپ ئۇسسۇل ماھارىتىنى ئىگىلىيەلمىدى.

 بىر سائەتلىك دەرس 200 نەچچە يۈەن بولغاچقا، جاڭ رۇينىڭ تۆلىگەن پۇلىغا ئىچى سىيرىلىپ كەتتى. ئۇ تەربىيەلەش ئورگىنىنى ئىزدەپ ئالدىن تاپشۇرغان بىر قىسىم تەربىيەلەش ھەققىنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى، لېكىن تەربىيەلەش ئورگىنىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى. ئارقىدىن جاڭ رۇي يېڭىشەھەر رايونلۇق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇندى، دېلو دەۋادىن ئىلگىرىكى مۇرەسسە ئەترىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. سوت مەھكىمىسى ئارىلاشقاندىن كېيىن، تەربىيەلەش ئاپپاراتى جاڭ رۇيگە ئېشىپ قالغان دەرس ھەققىنى قايتۇرۇپ بەردى.

 جاڭ رۇيگە ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، ما لىڭنىڭ «ھەقنى قايتۇرۇۋېلىشى تەس بولۇش»قا دۇچ كېلىشىدىكى سەۋەب تەربىيەلەش ئاپپاراتىنىڭ تىجارىتى ياخشى بولماي تاقىلىپ قالغانلىقىدىن بولغان ئىدى.

 2022- يىلى ما لىڭ قىزىنى مەلۇم سەنئەت تەربىيەلەش ئاپپاراتىدا رەسىم سىزىشنى ئۆگىنىشكە تىزىملاتتى، تىزىملاتقان كۈنى 9000 يۈەندىن ئارتۇق تەربىيەلەش ھەققىنى تولۇق تۆلىدى. بىراق دەرس يېرىمىغا كەلگەندە، بۇ سەنئەت تەربىيەلەش ئورگىنى تىجارىتى ياخشى بولمىغانلىقتىن داۋاملىق تەربىيەلەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىيەلمىدى.

 شۇ يىلى 4- ئايدا مەلۇم سەنئەت تەربىيەلەش ئاپپاراتى ما لىڭ بىلەن كېڭىشىش ئارقىلىق ئۈچ ئاي ئىچىدە 7000 يۈەندىن ئارتۇق تەربىيەلەش ھەققىنى قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىغان. ئەمما 2023- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ما لىڭ يەنىلا قايتۇرۇلغان پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالمىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قانۇنغا مۇراجىئەت قىلغان.

 بۇ يىل 4- ئايدا، يېڭىشەھەر رايونلۇق سوت مەھكىمىسى مەلۇم سەنئەت تەربىيەلەش ئاپپاراتىنى ما لىڭغا تەربىيەلەش ھەققى ۋە ئىگىلىگەن مەبلەغنىڭ قەرەلى ئۆتۈپ كەتكەن ئۆسۈمى بولۇپ جەمئىي 8000 يۈەننى قايتۇرۇپ بېرىشكە ھۆكۈم قىلغان.

 ھەق قايتۇرۇۋېلىش نېمە ئۈچۈن بۇنداق تەس؟

 «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 509- ماددىسىدا: «توختاملاشقۇچىلار ئۆز مەجبۇرىيىتىنى پۈتۈشكىنى بويىچە تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك»، دەپ بەلگىلەنگەن. 577- ماددىسىدا: «توختاملاشقۇچى بىر تەرەپ توختامدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا ياكى توختامدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى پۈتۈمگە ئۇيغۇن كەلمىسە، داۋاملىق ئادا قىلىش، تولۇقلاش تەدبىرى قوللىنىش ياكى زىياننى تۆلەش قاتارلىق خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك».

 قانۇندا گەرچە كونكرېت بەلگىلىمە بولسىمۇ، لېكىن تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى ئۇنداق ئاسان ئەمەس.

 ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇردىن ھازىرغىچە، يېڭىشەھەر رايونلۇق سوت مەھكىمىسى تەربىيەلەش توختامى تۈرىدىكى ماجىرادىن 147نى قوبۇل قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 46 دېلو مۇرەسسە ئارقىلىق ئاخىرلاشتۇرۇلغان.

 يېڭىشەھەر رايونلۇق سوت مەھكىمىسى دېلو تۇرغۇزۇش كوللېگىيەسى (دەۋا مۇلازىمەت مەركىزى)نىڭ سودىيەسى مېھرىبان ئۆمەر تەربىيەلەش تۈرىدىكى كۆپ قېتىملىق ماجىرا دېلوسىنى بېجىردى.

 «بىز مەكتەپ سىرتىدىكى نۇرغۇن تەربىيەلەش ئاپپاراتىنىڭ ئىستېمالچىلار بىلەن يازما توختام تۈزمەيدىغانلىقىنى، بەلكى ئاغزاكى پۈتۈشكەنلىكىنى ياكى ئىمزالىغان توختامنىڭ قېلىپلاشمىغانلىقىنى، مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللاردا پۇل قايتۇرۇش ئىشلىرىنى ئېنىق پۈتۈشمەيدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن ماجىرا يۈز بېرىدىغانلىقىنى بايقىدۇق». مېھرىبان مۇنداق دېدى: تەربىيەلەش توختامى تۈرىدىكى ماجىرالار ھەمىشە دەۋا نىشانى سوممىسى ئاز، دەلىل- ئىسپات توپلاش قىيىن بولۇش، جاۋابكار قەستەن ئۆزىنى قاچۇرۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، نۇرغۇن دېلو ئەڭ ئاخىرىدا مۇرەسسە ئارقىلىق ئاياغلاشتۇرۇلىدۇ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتىمۇ ئېشىپ قالغان دەرس سائىتى ھەققىنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ، لېكىن قانداق قىلغاندا كەسىپتىكى نۇقسانلارنى مەنبەدىن تۈزەپ، تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە.

 سوتچىنىڭ ئەسكەرتمىسى

 مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى نۆۋەتتە يەنە داۋاملىق قېلىپلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىۋاتقان ئەھۋالدا، ئائىلە باشلىقلىرى تەربىيەلەش توختامى تۈزگەندە، ئۆزى بىلەن زور پايدا- زىيان مۇناسىۋىتى بولغان ماددىلارنى تەپسىلىي ئوقۇپ، توختامنى ئادا قىلىش جەريانىدا زۆرۈر بولمىغان ماجىرالارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك. تەربىيەلەش دەرسلىكىگە تىزىملىتىشتىن بۇرۇن، تەربىيەلەش ئاپپاراتىنىڭ تىجارەت ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، تەربىيەلەش جەريانىدا توختام نۇسخىسى، ھەق تاپشۇرۇش تالونى، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئالاقىدار دەلىل- ئىسپاتلارنى ساقلاشقا دىققەت قىلىپ، ماجىرا يۈز بەرگەندىن كېيىن، قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى ۋاقتىدا قوغدىشى كېرەك. ئەگەر مال- مۈلۈك زىيىنى كېلىپ چىقىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، دەرس ھەققىنى باسقۇچ بويىچە تۆلىگىلى بولسا، مائارىپ تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ دەرسلىكىنى بىر قېتىمدىلا كۆپ سوممىلىق سېتىۋېلىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.

 داۋاملاشتۇرۇپ ئوقۇش

 تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى بىلەن تۈزگەن توختامنىڭ قانۇنلۇقلىقى ۋە ئۈنۈملۈكلۈكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىنىڭ دەخلى- تەرۇزغا ئۇچرىماسلىقىنى قوغداش ئۈچۈن، ئىككى تەرەپ توختام ئىمزالىغاندا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك:

 1. توختامنىڭ مۇھىم تەپسىلاتلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك، مەسىلەن، تەربىيەلەش دەرسلىكى، ئوقۇتقۇچى، تەربىيەلەش خىراجىتى، تەربىيەلەش ۋاقتى، توختامنى بىكار قىلىش شەرتى، توختامغا خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقى قاتارلىقلار.

 2. ھەمكارلىق مۇددىتى ھەمدە ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك، مەسىلەن، تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى مۇۋاپىق دەرس مەزمۇنى بىلەن تەمىنلىشى، مەزمۇنىنىڭ ھەقىقىي، توغرا بولۇشىغا، مۇلازىمەت سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

 3. توختامغا خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك، ئەگەر بىر تەرەپ توختامغا خىلاپلىق قىلسا، قارشى تەرەپنىڭ زىيىنىنى تۆلەپ بېرىشى ھەم قانداق ئەھۋال ئاستىدا، بىر تەرەپنىڭ توختامنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى بەلگىلىشى كېرەك.

 4. خىراجىتىنى راسچوت قىلىش ئۇسۇلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك، بۇ، تەربىيەلەش خىراجىتىنى تۆلەش ئۇسۇلى ۋە ۋاقتى، ھەمدە خىراجەتنىڭ ئېشىش- كېمىيىشى ۋە تەڭشىلىشىنى كېڭىشىش مېخانىزمىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.

 (ماقالىدىكى ئالاقىدارلارنىڭ ئىسمى ئۆزگەرتىلدى)

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125