دوستلار چەمبىرىكىدە سۈرەت- يېزىق ئېلان قىلىپ باشقىلارنى كەمسىتسە، ھوقۇققا دەخلى- تەرۇز قىلغان بولىدۇ
14:27:02 2024-07-24 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شيۇ، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ نىڭ

 دوستلار چەمبىرىكىدە باشقىلارنى كەمسىتىدىغان سۈرەت- يېزىق ئېلان قىلسا، ھوقۇققا دەخلى- تەرۇز قىلىشنى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن. يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بىر دېلوغا قاراپ چىقتى.

 ۋاڭ x بىلەن ليۇ x قوشنا. 2023- يىلى، ليۇ x ۋاڭ xنىڭ ئانىسى بىلەن ئۇششاق- چۈششەك ئىشلار سەۋەبىدىن ئۇرۇشۇپ قالدى، يەنە جېدەل قىلىپ ساقچىخانىغىچە باردى.

 شۇنىڭدىن كېيىن، ليۇ x ۋاڭ xنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدە «كۆڭلى قارا ئادەم ھەرگىزمۇ ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلمەيدۇ...» دېگەن مەزمۇننى چىقارغانلىقىنى بايقىدى، يازغان خەتلىرى قارغاش ۋە كەمسىتىش مەنىسىگە تولغان بولۇپ، يەنە ليۇ xنىڭ ئۆيىنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىت تارتىلغان تۆت پارچە سۈرەت قوشۇپ قويۇلغانىدى.

 ليۇ x ۋاڭ x نام- شۆھرەت ھوقۇقۇمغا دەخلى- تەرۇز قىلدى دەپ قاراپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلدى. بىرىنچى سوت ھۆكۈم چىقارغاندىن كېيىن، ليۇ x قايىل بولماي، يەنە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ، ۋاڭ xتىن كەچۈرۈم سوراشنى تەلەپ قىلدى.

 ۋاڭ x دوستلار چەمبىرىكىگە چىقارغان يېزىق مەزمۇنى، قوشقان سۈرەتتە كۆرۈنگەن ئورۇن، بۇ مەزمۇنلارنى چىقىرىشنىڭ ئالدى- كەينىدىكى ئىككى تەرەپنىڭ توقۇنۇش ئەھۋالى، ساقچىخانىنىڭ بىر تەرەپ قىلىش پىكرى قاتارلىقلارغا ئاساسەن، سوت مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىدى: ۋاڭ x دوستلار چەمبىرىكىگە چىقارغان سۈرەت ۋە ئۇنىڭغا قوشۇپ يازغان خەتلىرىدە گەرچە قارشى تەرەپنىڭ ئىسمىنى ئېنىق ئېيتىپ يازمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ليۇ x ھەم ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە قارىتىلغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ، بۇ ئادەتتىكى تالاش- تارتىش، ئەيىبلەيدىغان گەپ- سۆزلەر كاتېگورىيەسىدىن خېلىلا چەتنەپ كەتكەن بولۇپ، ئادىمىيلىك ئىززىتىگە روشەن دەخلى- تەرۇز قىلىش خاراكتېرىگە ئىگە.

 «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 990- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئادىمىيلىك ھوقۇقى ھەق تەلەپ سۇبيېكتى بەھرىمەن بولىدىغان ھاياتلىق ھوقۇقى، بەدەن ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، ئىسىم- فامىلە ھوقۇقى، نام ھوقۇقى، سۈرەت ھوقۇقى، نام- شۆھرەت ھوقۇقى، پەخرىي نام ھوقۇقى، شەخسىيەت ھوقۇقى قاتارلىق ھوقۇقلارنى كۆرسىتىدۇ.

 تەبىئىي ئىگىلەر ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئادىمىيلىك ھوقۇقلىرىدىن باشقا، جىسمانىي ئەركىنلىك، ئادىمىيلىك ئىززىتى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن باشقا ئادىمىيلىك ھوقۇق- مەنپەئەتلىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

 ئادىمىيلىك ئىززىتىنىڭ دەخلى- تەرۇزغا ئۇچرىماسلىقى تەبىئىي شەخسنىڭ ئادەم بولۇشىدىكى ئاساسىي شەرتلەرنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي بەلگىسى. ئادىمىيلىك ھوقۇقى دەخلى- تەرۇزغا ئۇچرىغاندا، زىيانغا ئۇچرىغۇچى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ھەرىكەت ئىگىسىدىن ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

 ئاخىرىدا سوت مەھكىمىسى ۋاڭ xنى ئۆزىنىڭ ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىدىكى ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا ليۇ xتىن كەچۈرۈم سوراشقا، كەچۈرۈم سورىغان مەزمۇننى بەش كۈن ئۆچۈرۈۋەتمەسلىككە، كەچۈرۈم سوراش مەزمۇنى ۋە ئۇسۇلىنى سوت مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈشكە ھۆكۈم چىقاردى. نۆۋەتتە، بۇ ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولدى. (ماقالىدىكى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئىسمىنىڭ ھەممىسى ئۆزگەرتىلگەن).

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125