قەشقەرنىڭ مىس بۇيۇملىرى قولى گۈل ھۈنەرۋەننىڭ ئۆزگىچە ئەسىرى
18:06:00 2024-07-24 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 بۇ يىل 22 ياشقا كىرگەن ئابدۇرېھىم ئەلى قەشقەر مىسكەرلىكىنىڭ 6- ئەۋلاد ۋارىسى، كىچىكىدىن بوۋىسى ۋە دادىسىدىن مىسكەرلىكنى ئۆگەنگەندىن باشلاپ، مىس بۇيۇملارنى قالتىس ھۈنىرىنى ئىشقا سېلىپ تولىمۇ ئۆزگىچە ياساپ كەلدى. ھازىر ئۇ ئىنىسى بىلەن قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە بىر مىسكەرلىك دۇكىنى ئاچىدۇ. ئۇنىڭغا ھېچقانداق چېرتيوژ كېرەك ئەمەس، پەقەت خېرىدار ئەۋەتكەن بۇيۇمنىڭ سۈرىتىلا بولسا، سۈرەتتىكىگە ئوپمۇئوخشاش مىس بۇيۇمنى ياساپ چىقالايدۇ.

 2015- يىلى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولغاندىن كېيىن، ئابدۇرېھىمنىڭ مىسكەرلىك دۇكىنىنىڭ كىرىمى بارغانسېرى كۆپىيىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات پەسلىدە، مىسكەرلىك دۇكىنىنىڭ بىر كۈنلۈك كىرىمى 5000 يۈەن ئەتراپىغا يەتتى.

 2021- يىلى، قەشقەرنىڭ «ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىسكەرلىك ھۈنىرى» دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125