ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاپپاراتى: 7- ئاينىڭ 21- كۈنى ھاۋارايى خاتىرىلەنگەندىن بۇيان پۈتۈن يەر شارى ئەڭ ئىسسىغان بىر كۈن بولدى
19:03:52 2024-07-24 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بىريۇسسېل، 7- ئاينىڭ 23- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر دىڭ يىڭخۇا) ياۋروپا ئىتتىپاقى كىلىمات كۆزىتىش- ئۆلچەش ئاپپاراتى − كوپېرنىك كىلىمات ئۆزگىرىشى مۇلازىمەت ئىدارىسىنىڭ 7- ئاينىڭ 23- كۈنى ئېلان قىلىنغان دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: پۈتۈن يەر شارى 7- ئاينىڭ 21- كۈنى ھاۋارايى خاتىرىلەنگەندىن بۇيانقى ئەڭ ئىسسىق بىر كۈننى ئۆتكۈزدى، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 17.09 سېلسىيە گىرادۇسقا يەتتى.

 بۇ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 0.01 سېلسىيە گىرادۇسلۇق پەرق بىلەن 2023- يىلى 7- ئاينىڭ 6- كۈنى يارىتىلغان ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى يېڭىلاپ، 1940- يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ ئىسسىق بىر كۈن بولۇپ قالدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 0.01 سېلسىيە گىرادۇس قارىماققا ھېچقانچە پەرقلەنمىگەندەك كۆرۈنىدۇ، ھەقىقىي دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى 2023- يىلى 7- ئايدىن بۇيانقى ھاۋا تېمپېراتۇرىسى بىلەن ئىلگىرىكى يىللاردىكى ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ «پەرقى»دىن ئىبارەت.

 دوكلاتتىكى سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2023- يىلى 7- ئايدىن بۇرۇن، پۈتۈن يەر شارىنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ئەڭ يۇقىرى رېكورتى 2016- يىلى 8- ئاينىڭ 13- كۈنى يارىتىلغان 16.8 سېلسىيە گىرادۇس ئىكەن؛ لېكىن 2023- يىلى 7- ئاينىڭ 3- كۈنىدىن بۇيان، 57 كۈننىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ئۇ رېكورتتىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ئاساسلىقى 2023- يىلى 7- ئاي ۋە 8- ئايغا، 2024- يىلى 6- ئاي ۋە 7- ئايغا تارقالغان.

 كوپېرنىك كىلىمات ئۆزگىرىشى مۇلازىمەت ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى كارلو بۇئونتېمپو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پۈتۈن يەر شارىنىڭ يېقىنقى 13 ئاي ئىچىدىكى كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى رېكورتى بىلەن ئىلگىرىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتىنىڭ پەرقى «كىشىنى چۆچۈتىدۇ»، «كىلىماتنىڭ سىجىل ئىللىپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، بىز جەزمەن كەلگۈسى بىر نەچچە ئاي ياكى بىر نەچچە يىل ئىچىدە يېڭى رېكورتنىڭ بۇزۇپ تاشلانغانلىقىنى كۆرىمىز».

 بۇ يىل 1- ئايدا، كوپېرنىك كىلىمات ئۆزگىرىشى مۇلازىمەت ئىدارىسى دوكلات بېرىپ: «2023- يىلى ھاۋارايى خاتىرىلەنگەندىن بۇيانقى ئەڭ ئىسسىق بىر يىل بولدى»، دېگەن. ئەڭ يېڭى دوكلاتتا مۇنداق قارالدى: گەرچە ھازىر مۆلچەرلەش بالدۇرلۇق قىلسىمۇ، لېكىن 2024- يىلى 2023- يىلىدىن ئېشىپ، ئەڭ ئىسسىق بىر يىل بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

 پايدىلانغان مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125