مۇخبىر 7- ئاينىڭ 23- كۈنى گۇڭئەن مىنىستىرلىقىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى: پۈتۈن مەملىكەتتىكى گۇڭئەن ئورگانلىرىنىڭ ياز پەسىللىك ئامانلىق ساقلاش بويىچە زەربە بېرىش- تۈزەش ھەرىكىتىنى بىرىنچى قېتىم ئالغا سىلجىتىش يىغىنى 7- ئاينىڭ 23- كۈنى ئېچىلدى.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى:
زەربە بېرىش- تۈزەشكە يەنىمۇ كۈچ سەرپ قىلىپ، تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى ۋە شەھۋانىيلىق، قىمار ئويناش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، ساياھەت بىخەتەرلىكى قاتارلىق ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان دېلولارغا قارىتا، دەرھال دېلو تۇرغۇزۇپ، دەرھال رازۋېدكا قىلىپ، تېز بېجىرىپ، تېز بىر تەرەپ قىلىپ، ئاممىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلىرىگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەك؛
ھاراق ئىچىپ جېدەل چىقىرىش، ئۇرۇشۇش، ئاپتوموبىلنى تېز ھەيدەپ قاتتىق شاۋقۇن چىقىرىش قاتارلىق ياز پەسلىدە كۆپ يۈز بېرىدىغان دېلولارنى باش كۆتۈرگەن ھامان زەربە بېرىپ، تېز رازۋېدكا قىلىپ، تېز پاش قىلىش كېرەك؛
مەسىلە يوشۇرۇن خەۋپى گەۋدىلىك بولغان نۇقتىلىق رايونلارنى ئۈزۈلدۈرمەي تەكشۈرۈپ تۈزەپ، مۇھىتنى داۋاملىق ساپلاشتۇرۇش كېرەك.
چارلاش، ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنى يەنىمۇ دەل جايىدا قىلىپ، ياز پەسلىدە ئامانلىق ساقلاشنىڭ قانۇنىيەت ئالاھىدىلىكىگە چىڭ قادىلىپ، نۇقتىلىق ئورۇن، نۇقتىلىق مەزگىلنى گەۋدىلەندۈرۈپ، چارلاش، ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ياز كېچىسىنىڭ ئامانلىقىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك.
يوشۇرۇن خەۋپنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆيلىنىش- مۇھەببەتلىشىش، ئائىلە، قولۇم- قوشنىلار، قەرز قاتارلىق زىددىيەت- ماجىرالارنى چوڭقۇر رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش كېرەك؛
ياز پەسلىدە قاتناش بىخەتەرلىكىنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يول يۈزىدە قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، «ئۈچنى ئاشۇرۇۋېتىش، چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدەش»، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدەش قاتارلىق قاتناش قانۇنىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ناچار ھاۋا رايىدا «سۈرئەتنى تۆۋەنلىتىش، ئارىلىقنى كونترول قىلىش، ئاپتوموبىلنىڭ كەينىگە نۇر قايتۇرۇش بەلگىسى چاپلاش» ۋە تارقاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.
(باش ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى چېن يۈ)
پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)