چېڭدۇ ئاۋىياتسىيەسى ARJ21 تىپلىق ئايروپىلان قاتنايدىغان قەشقەر- ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى يېڭىدىن ئاچتى
18:21:22 2024-07-24 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 2024- يىلى 7- ئاينىڭ 24- كۈنى، چېڭدۇ ئاۋىياتسىيەسى قەشقەر- ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى رەسمىي ئاچتى، بۇ، چېڭدۇ ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ARJ21 تىپلىق ئايروپىلانى شىنجاڭدا ئۇچۇشقا سېلىنغان يەنە بىر يېڭى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى بولۇپ، چېڭدۇ ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ARJ21 تىپلىق ئايروپىلانىنىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش نۇقتىسىنىڭ شىنجاڭدىكى تىجارەت قىلىۋاتقان  25 ئايرودۇرۇمنى تولۇق قاپلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

سۈرەتنى تارتقۇچى: ۋاڭ جىلياڭ

 بۇ قېتىم ئېچىلغان قەشقەر- ئۈرۈمچى بېرىش- كېلىش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى EU3015/16 بولۇپ، ھەر دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە، يەكشەنبە تۆت نۆۋەت ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ، بېرىش مۇساپىسىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلان پىلان بويىچە سائەت 9:15تە قەشقەردىن ئۇچۇپ، سائەت 10:55تە ئۈرۈمچىگە يېتىپ بارىدۇ؛ قايتىش مۇساپىسىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلان پىلان بويىچە سائەت 11:55تە ئۈرۈمچىدىن ئۇچۇپ، سائەت 13:45تە قەشقەرگە يېتىپ بارىدۇ. بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى شىنجاڭنىڭ دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن سودا ئايروپىلانى ئۇچۇشنى ئىجرا قىلىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورىنى يەنىمۇ زىچلاشتۇرۇپ، ئىككى شەھەر ئارىسىدىكى خادىملار ئالاقىسى، سودا ئالاقىسىنى تېخىمۇ كۆپ قولايلىققا ئىگە قىلىپ، ئىككى جاينىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدۇ.

 پايدىلانغان مەنبە: «خەلق گېزىتى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125