ھىدروگېن يېقىلغۇ باتارېيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز
18:39:46 2024-07-24 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

پىتنە- ئىغۋانىڭ مەزمۇنى: يېڭى ئېنېرگىيە سىياسىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئارىلاشما ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلدىن ساپ توكلۇق ئاپتوموبىلغىچە بارلىققا كېلىپ، ئاپتوموبىل نېفىتنىڭلا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ تەمىنلىشىگە قاراپ قالىدىغان يېڭى تىپتىكى قاتناش قورالى بولماي قالدى. ساپ توكلۇق ئاپتوموبىل بازىرىدىكى ساقلانما مىقدارنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، تۈرلۈك مەسىلىلەر ئۈزلۈكسىز پەيدا بولدى، بۇ چاغدا بىر خىل يېڭى تىپتىكى ئاپتوموبىل يېقىلغۇ ئېنېرگىيەسى − ھىدروگېن يېقىلغۇسى كىشىلەرنىڭ نەزەر دائىرىسىگە كىردى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئاپتوموبىلنىڭ ئۆزىدە سوقۇلۇش خەۋپى مەۋجۇت بولغاچقا، ھىدروگېن يېقىلغۇ باتارېيەلىك ئاپتوموبىلدىكى يۇقىرى بېسىملىق ھىدروگېن گازى تۇڭى خۇددى بىر يوشۇرۇن «بومبا»غا ئوخشارمىش، شۇڭا ھىدروگېن يېقىلغۇ باتارېيەلىك ئاپتوموبىل بىخەتەر ئەمەسمىش.

ھەقىقىي ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈش: ھىدروگېن يېقىلغۇ باتارېيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىشەنچلىكلىكى ناھايىتى يۇقىرى. ھىدروگېن يېقىلغۇسى بىر خىل يېڭى تىپتىكى ئاپتوموبىل يېقىلغۇ ئېنېرگىيەسى بولۇپ، ھەم مۇھىت قوغدايدۇ، ھەم ئېنېرگىيە تېجەيدۇ. 19- ئەسىردىلا كىشىلەر ھىدروگېن يېقىلغۇسىنى ئىشلىتىش قۇرۇلمىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىغان. توكلۇق ئاپتوموبىلغا سېلىشتۇرغاندا، ھىدروگېن يېقىلغۇ باتارېيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ تەننەرخى تېخىمۇ تۆۋەن، ئۇدا يۈرۈش ۋاقتى تېخىمۇ ئۇزۇن، مۇھىت تېمپېراتۇرىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى تېخىمۇ كىچىك؛ ئۇنىڭدىن باشقا، سۈنئىي ئوت يېقىش سىنىقى ئارقىلىق ھىدروگېن يېقىلغۇ باتارېيەلىك ئاپتوموبىلدا كەڭرى يولدا پارتلاش يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى كىچىك ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى، شۇڭا ھىدروگېن يېقىلغۇ باتارېيەلىك ئاپتوموبىل ئىنتايىن يۇقىرى بىخەتەرلىككە ئىگە. ھىدروگېن يېقىلغۇ باتارېيەلىك ئاپتوموبىلنى نۆۋەتتە سودىلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، كەلگۈسىدە ئەنئەنىۋى يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىلنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، يېشىل سەپەرگە چىقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىن ئۈمىد بار.

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125