ئۇلۇغچات ناھىيەسىدىكى «2000- يىللاردا تۇغۇلغان» يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش مەخسۇس كادىرى ئاۋ پېڭجۈ خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جەريانىدا قۇربان بولدى
18:49:20 2024-07-24 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 «كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ، خەتەردىن قۇتقۇزۇشتا ئۇ بىرىنچى بولۇپ ئاتلاندى»

 7- ئاينىڭ 16- كۈنى، ئۇلۇغچات ناھىيەسى تېرەك يېزىسىنىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش مەخسۇس كادىرى، 22 ياشلىق ئاۋ پېڭجۈ خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جەريانىدا بەختكە قارشى خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولدى.

 7- ئاينىڭ 22- كۈنى ئاۋ پېڭجۈنىڭ جەسەت كۈلى يۇرتى خېڭياڭ ناھىيەسىگە ئېلىپ كېلىندى. خېڭياڭ ناھىيەسى، ئۇلۇغچات ناھىيەسى، خۇنەن جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى داشۆسىدىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

ئاۋ پېڭجۈنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى سۈرىتى.

 7- ئاينىڭ 15- كۈنى سائەت 21دىن 50 مىنۇتلار ئۆتكەندە، ئۇلۇغچات ناھىيەسى تېرەك يېزىسىدا تۇيۇقسىز قارا يامغۇر ياغدى. شۇ كۈنى سائەت 22دىن 29 مىنۇت ئۆتكەندە، ئاۋ پېڭجۈ قاتارلىق بەش يولداش بۇ يېزىنىڭ تېرەك كەنتىگە بېرىپ ئۆيلەرگە كىرىپ ئاپەت ئەھۋالىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، تۇرالغۇ ئۆيدە بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى بار ئاممىنى جىددىي تارقاقلاشتۇرۇپ يۆتكىدى.

ئاۋ پېڭجۈ (ئوڭدىن بىرىنچى)نىڭ ھايات ۋاقتىدىكى سۈرىتى.

 قارا تېكە كەنتىگە بېرىش يولىدا ئاپتوموبىل توسمو كۆۋرۈكىنىڭ سۇ بېسىپ كەتكەن يول يۈزىگە كەلگەندە، تۇيۇقسىز كەلكۈن كېلىپ، ئاپتوموبىلنى ئېقىتىپ دەرياغا چۈشۈرۈۋەتتى، ئاۋ پېڭجۈنى كەلكۈن ئېقىتىپ كېتىپ ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالدى.

ئاۋ پېڭجۈ (سولدا)نىڭ ھايات ۋاقتىدىكى سۈرىتى.

 ئۇلۇغچات ناھىيەسى 300دىن ئارتۇق ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش ئەترىتى ئەزالىرى، گۇڭئەن خەلق ساقچىلىرى، چېگرا مۇداپىئە جەڭچىلىرى، كادىرلار ۋە ئاممىنى تەشكىللەپ، جىددىي بىرلەشمە قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇردى. بەش سائەت ئىزدەش ئارقىلىق ئاۋ پېڭجۈنىڭ جەسىتى 7- ئاينىڭ 16- كۈنى سائەت 3تىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە توسمو كۆۋرۈكىنىڭ تۆۋەن تەرىپىگە تۆت كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا تېپىلدى.

7- ئاينىڭ 22- كۈنى، ئاۋ پېڭجۈنىڭ جەسەت كۈلى يۇرتى خېڭياڭ ناھىيەسىگە قايتۇرۇپ كېلىندى.

 ئاۋ پېڭجۈ 2021- يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولغان. 2023- يىلى خۇنەن جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى داشۆسىنى پۈتكۈزگەن. 2023- يىلى 11- ئايدا، ئۇ دۆلەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ئۇلۇغچات ناھىيەسىگە كەلگەن.

 ئۇ مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ئەمەلدە كۆرسەتتى.

 (خۇنەن گېزىتى، خۇڭۋاڭ تورى، ئاۋ پېڭجۈنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنىڭ دوۋيىن نومۇرىدىن ئومۇملاشتۇرۇلدى)

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125