دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياخشى دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى قوللىنىش ۋە ئىشلىتىش مۇھىتىنى سىجىل يارىتىش، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى تەكشۈرۈپ باھالاش ئۈچۈن، 7- ئاينىڭ 20- كۈنى قەشقەر شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسى «ئانارگۈلى . كىچىكلەر چوڭلارنى يېتەكلەش . پۈتۈن ئائىلە بويىچە بىللە ئۆگىنىش» تېمىسىدىكى ئائىلە بويىچە دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىش نەتىجىسىنى نامايان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
پائالىيەتكە قاتناشقان ھەرقايسى ئائىلىلەر جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى چۆرىدەپ، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش، كۆرۈنۈشلۈك تىياتىر، ناخشا- ئۇسسۇل، كۇەيبەن قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقى بىلەن نامايان قىلىپ، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىدا ياخشى سۆزلەش ۋە ئۇنى ئىشلىتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى شەرھلىدى. ئاتا- ئانىلار ۋە بالىلارنىڭ نومۇرلىرى جۇشقۇنلۇققا تولغان، شۇنداقلا تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە بولۇپ، نەق مەيداندىكى كۆرۈرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
قەشقەر شەھەرلىك 9- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى نازاكەت مەخمۇت مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە مەن نۇرغۇن بىلىمنى ئۆگىنىپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ماھىر بىلەن پىكىر ئالماشتۇردۇم. بۇنىڭدىن كېيىن مەن دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ياخشى ئۆگىنىپلا قالماي، يەنە ئاتا- ئانام، بوۋام- مومامنىمۇ بىللە ئۆگىنىشكە يېتەكلەيمەن.
قەشقەر شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بۇخەلچەم سەلەي مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن، قەشقەر شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسى دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئىشلىتىدىغان ۋە قوللىنىدىغان ياخشى كەيپىياتنى يارىتىپ، ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ «بىرلەشمە» ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئائىلىلەشتۈرۈش، دائىملاشتۇرۇش، تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى قوللىنىش سەۋىيەسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆستۈرىدۇ.
(قەشقەر شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى گۈلنۇر، پىراكتىكانت مۇخبىر شىرئەلى، بۇزورا)