ئالدىنقى يېرىم يىلدا شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشى مۇقىم ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەندى
12:14:26 2024-07-26 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.4 ئاشتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى ( مۇخبىر گاۋ فېڭ) رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى بىر تۇتاش ھېسابلاش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭ ئىشقا ئاشۇرغان رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 921 مىليارد 140 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.4 ئاشقان. بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى 7- ئاينىڭ 24- كۈنى ئۆتكۈزگەن 2024- يىلى ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئاپتونوم رايون خەلق ئىگىلىكىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇمات.

7- ئاينىڭ 24- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى 2024- يىلى ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئاپتونوم رايون خەلق ئىگىلىكىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ فېڭ فوتوسى

ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى خاۋ جۈنچىڭ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون <بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى>نى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى <سەككىز چوڭ كەسىپ توپى>غا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى جايلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ راۋاجلاندۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈردى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، تەرەققىيات ۋەزىيىتى پائال ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى.

ئۈچ كەسىپنىڭ ئېشىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، يازلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، چارۋىچىلىقتا سېتىپ چىقىرىش بىر قەدەر تېز ئاشتى؛ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، نۇقتىلىق كەسىپلەر كۈچلۈك تىرەك بولدى؛ مۇلازىمەت كەسپى داۋاملىق ئەسلىگە كەلدى، قاتناش، يولۇچى تىرانسپورتى تېز ئاشتى. 1- كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 58 مىليارد 11 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.3 ئاشتى؛ 2- كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 391 مىليارد 297 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.0 ئاشتى؛ 3- كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 471 مىليارد 832 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.0 ئاشتى.

مەبلەغ سېلىشنىڭ ئىستېمالغا تۈرتكە بولۇش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، مەبلەغ سېلىش كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ تۈرتكىسى كۈچلۈك بولدى، يېڭى ئېنېرگىيە تۈرلىرىگە سېلىنغان مەبلەغ مۇقىم ئاشتى؛ ئىستېمال بازىرى مۇقىم يۈرۈشۈپ، تور ئىستېمالى قىلىش سىجىل جانلاندى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى (دېھقان ئائىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.7 ئاشتى؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 174 مىليارد 166 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.2 ئاشتى، ئېشىش سۈرئىتى 1- پەسىلدىكىدىن 0.6 پىرسەنت پوئىنت ئۆرلىدى.

ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى كۆرسەتكۈچلىرى سىجىل ياخشىلاندى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھاسى (CPI) 0.1% تۆۋەنلىدى، تۆۋەنلەش نىسبىتى 1- پەسىلدىكىدىن 0.4 پىرسەنت پوئىنت كىچىكلىدى؛ 3- ئايدىن باشلاپ CPI داۋاملىق ئۆرلەشكە باشلىدى، 4- ئايدىن باشلاپ مەنپىيدىن مۇسبەتكە ئۆزگەردى ھەم ئېشىش نىسبىتى داۋاملىق كېڭەيدى. يېمەكلىك ۋە ئېنېرگىيە باھاسى چىقىرىۋېتىلگەن يادرولۇق CPIدا بىر قەدەر تېز ئۆرلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلۈپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.4 ئاشتى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاپتونوم رايون بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 12 مىڭ 192 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن نامدا %7.2 ئاشتى، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە، ئەمەلىيەتتە %7.3 ئاشتى.

خاۋ جۈنچىڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىقتىساد سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولۇش كېرەك.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125