شى جىنپىڭ 6- نۆۋەتلىك جۇڭگو- رۇسىيە ئېنېرگىيە سودا ئىشلىرى مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى
19:27:34 2024-07-24 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شى جىنپىڭ 6- نۆۋەتلىك جۇڭگو- رۇسىيە ئېنېرگىيە سودا ئىشلىرى مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 23- كۈنى تېلېگراممىسى  7- ئاينىڭ 23- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6- نۆۋەتلىك جۇڭگو- رۇسىيە ئېنېرگىيە سودا ئىشلىرى مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن رۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى كۈندىن- كۈنگە پىشىپ يېتىلدى، مۇقىم بولدى، مۇستەھكەم بولدى، بۇ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە تەرەپ بىلەن بىللە، ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ئېنېرگىيە كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئېلاستىكلىقىنى قوغداپ، يەرشارىۋى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك، يېشىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

 شۇ كۈنى، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭى پۇتىنمۇ 6- نۆۋەتلىك جۇڭگو- رۇسىيە ئېنېرگىيە سودا ئىشلىرى مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125