شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ، كاگامېنىڭ رىۋاندا زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى
19:34:59 2024-07-24 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ، كاگامېنىڭ رىۋاندا زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 23- كۈنى تېلېگراممىسى  7- ئاينىڭ 23- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پاۋلو كاگامېغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ رىۋاندا جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: رىۋاندا جۇڭگو بىلەن ئەنئەنىۋى دوست دۆلەت. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بىللە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئاشۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125