خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرىمىز ۋە ياخشىلايمىز
10:32:15 2024-07-25 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرىمىز ۋە ياخشىلايمىز

 − شىنجاڭدىكى ھەر ساھەدىكىلەر پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى قىزغىن مۇھاكىمە قىلدى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

 ئىسلاھ قىلىشتىن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقىچە، يەنە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقىچە، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى يەنە ئاچقۇچلۇق تۈگۈن نۇقتىغا يېتىپ كەلدى. 

 پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش − جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. چامىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەش، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئۇللۇق، تولۇق كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش شەرت. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. 

 كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە كەلگۈسى بىر مەزگىلدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ بەخت- سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر مەقسەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىمىز. 

 جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا خەلق تۇرمۇشى ھەممىدىن مۇھىم. ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش كېرەك. 

 «تۆمۈريوللارنىڭ تەرەپ- تەرەپكە تۇتاشقانلىقىنى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پويىزغا ئولتۇرۇپ سەپەرگە چىقىشىنىڭ قولاي ۋە تېز بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بىز جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلىۋاتقانلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇق.» جۇڭگو تۆمۈريولى 1- تەتقىقات ئورنى گۇرۇھى شىنجاڭ تۆمۈريول چارلاش- لايىھەلەش ئورنى چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر پېڭ شياۋچۇەن مۇنداق دېدى: ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق كاللىمىزنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ تۆمۈريول تورىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ئىلمىي، مۇۋاپىق، قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىپ، ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز.

 ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش − پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنى داغدام قەدەملەر بىلەن دەۋرگە يېتىشتۈرۈشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر. ئىسلاھاتنى تۇتۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش تېگى- تەكتىدىن ئېيتقاندا، خەلقنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈندۇر. 

 بۇ يىل قورغاس ناھىيەسى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلارنىڭ ئائىلىلىرىنى ياشانغانلارغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتتى، ياشانغانلارنىڭ غىزالىنىشىغا ياردەم بېرىش مۇلازىمەت نۇقتىسىدىن 70نى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈردى. «بىز ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشتىن- ئاخىر خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەسئۇلىيىتىمىزنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى ھەر تەرەپلىمە ياخشى كاپالەتلەندۈرىمىز» دېدى قورغاس ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ياڭ شۆفېڭ.

 «ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، داۋالاش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنىڭ <بار بولۇشتىن ئەلالىشىشقىچە> بولغان ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى سىياسىي- قانۇن تۈزۈلمە ئىسلاھاتى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى لى لىنيۈ مۇنداق بىلدۈردى: ساغلاملىقنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى چۆرىدەپ، ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت ئورتاق باشقۇرۇش، داۋالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنى ماسلاشتۇرۇش، داۋالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنى يۇغۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىمىز؛ داۋالاش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، تېببىي دورىگەرلىكنى ماس راۋاجلاندۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىمىز؛ سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنىڭ كۆپىيىشى، تۆۋەنگە يۈزلىنىشى ۋە رايونلارغا تەڭپۇڭ جايلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دەرىجە بويىچە داۋالاش سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، جىپسىلاشقان داۋالاش بىرلەشمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي قاتلام داۋالاش- ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىمىز. 

 ئومۇمىي يىغىننىڭ ئېچىلىشى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ چىڭگىل ناھىيەسى ئارالتۆپە بازىرى قۇمئېرىق كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى ئاسقاربېك دۇئەينى يېڭى ئۈمىدكە تولدۇردى: «بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا مەن ئاغرىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدىم، ھېلىمۇ ياخشى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى بولغاچقا، 120 مىڭ يۈەن داۋالىنىش خىراجىتىدىن ئۆزۈم پەقەت 20 مىڭ يۈەنلا چىقاردىم. ئىسلاھات تۇرمۇشىمىزنى ئۆزگەرتتى، كېيىنكى تۇرمۇشىمىز چوقۇم بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىدۇ».

 خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرغاندىلا، ئىسلاھاتنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ. ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇ- ئارمانلىرى ئالدىدا، ئىسلاھاتنى ئاڭلىق ھالدا تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش شەرت.

 ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى چېن جىجياڭ مۇنداق دېدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىدىكىلەر ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تۈزۈلمە- مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك، تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاممىۋى مۇلازىمەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى قوللاش سىياسىتىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىش سىغىمىنى كېڭەيتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بوغۇق نۇقتا، توسۇق نۇقتا مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئامما ھېس قىلالايدىغان، مەنپەئەتكە ئېرىشەلەيدىغان بىر تۈركۈم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەمەلىي ئىشلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنى ياخشى تۇتۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولىمىز، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەيمىز.

 «ئىسلاھات تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، تەرەققىيات خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى.» شىنجاڭ داشۆ ماركسىزم شۆيۈەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دوتسېنت بۇ لىڭچۈەن مۇنداق بىلدۈردى: خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇ- ئارمانلىرى ئالدىدا، ئىسلاھات ئارقىلىق يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش شەرت. بىر تەرەپتىن، بايلىق تەقسىملەش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات تەكشى بولماسلىق، تولۇق بولماسلىق مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش؛ يەنە بىر تەرەپتىن، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلققە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزۈش كېرەك.

 ئىستېمال ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا مۇناسىۋەتلىك، ئىستېمال سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش گۈزەل تۇرمۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.

 «بىز ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىستېمالچىلارغا مۇۋاپىق ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىپ، سىياسەت پايدىسىدىن ئەڭ زور دەرىجىدە ھەر مىللەت ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىستېمالنى ئاشۇرىدىغان بىر قاتار ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى يەنىمۇ كاپالەتلەندۈرىمىز ۋە ياخشىلايمىز» دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسى سودىنى يۈرۈشتۈرۈش ۋە ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى يۈەن يۈەن.

 يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئىسلاھاتچىلار ئىلگىرىلەيدۇ، يېڭىلىق ياراتقۇچىلار قۇدرەت تاپىدۇ، ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق ياراتقۇچىلار غەلىبە قىلىدۇ.

 «ئومۇمىي يىغىندا بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ مۇقەررەركى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ ئۇزاق مۇددەتلىك، تېخىمۇ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلىدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ شىنلى مۇنداق بىلدۈردى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى خەلق ئىشلىرى سىستېمىسىدىكىلەر ئىسلاھاتنى مىخ قېقىش روھى بىلەن چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىستېمىلىق تەپەككۇرنى كۈچەيتىپ، ھەم يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ھەم خىزمەت ۋاسىتىسىنى ئەلالاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىسلاھاتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىش ئارقىلىق، خەلق ئىشلىرى بايلىقىنى جانلاندۇرۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئۇللۇق، تولۇق كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ھېس قىلالايدىغان، مەنپەئەتكە ئېرىشەلەيدىغان ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرىمىز.

 ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مائارىپ، پەن- تېخنىكا ۋە ئىختىساسلىقلار − جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئۇللۇق، ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى. مائارىپ، پەن- تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارغا دائىر تۈزۈلمە- مېخانىزملارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىش شەرت.

 «بىز پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش بۇرچىمىزنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، مۇلازىمەت يۆنىلىشىنى كۈچەيتىپ، مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى تىرەكلىك كۈچى، تۆھپە قوشۇش كۈچىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، مائارىپ تەرەققىياتى نەتىجىلىرى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزۈپ، مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى زۇلھايات ئىسمايىل.

 ئىسلاھات مۇرەككەپ بولىدۇ، خەلق مەنپەئىتىنى مەقسەت قىلغاندىلا، ئىسلاھاتنىڭ ئىلمىيلىكى تىرەككە ئىگە بولىدۇ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈكلۈكى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. ئومۇمىي يىغىندا خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى نىشانلاپ، ئىسلاھاتنى داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

 كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى پاشاگۈل ئابلىز مۇنداق دېدى: ئومۇمىي يىغىن روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ھەم چامىمىزنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ، ھەم مادارىمىزغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، مەھەللە ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىشقا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ بېيىتىپ، تېخىمۇ كاپالەتلەندۈرۈپ، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىمىز.

 (مۇخبىر جاۋ چۇنخۇا، قاتناشقان مۇخبىرلار رېن چۇنشياڭ، جاۋ شىيا، لى لىن، سۇ لۇپىڭ، گو چيەن، گاۋ ۋا، لۇ فېڭباۋ، جەزىرە نېسىپبېك، بارشا تېگىس)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125