بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
10:40:21 2024-07-25 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

 مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

 چىن يىجى، جاڭ جۇ سۆز قىلدى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ شياڭ) 7- ئاينىڭ 23- كۈنى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى بورتالا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

 مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار تەبرىكلەش ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئەزاسى چىن يىجى، ئاپتونوم رايونلۇق تەبرىكلەش ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۇ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار تەبرىكلەش ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى قانۇن لايىھە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى پېڭ جيەنخۇا تەبرىك تېلېگراممىسىنى ئوقۇدى. خۇبېي ئۆلكىسى پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى پېڭ يۇڭ سۆز قىلدى.

 چىن يىجى مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار تەبرىكلەش ئۆمىكىگە ۋاكالىتەن بورتالا ئوبلاستىدىكى ھەر مىللەت خەلقنى تەبرىكلىدى، 70 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان بورتالا ئوبلاستىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرگە يۈكسەك باھا بەردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: بورتالا ئوبلاستى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى شۇنى قايىل قىلارلىق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى مىللەتلەر رايونىنىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنىڭ تۈپ كاپالىتى، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولى بولۇپ، تەڭداشسىز ئەۋزەللىككە ئىگە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇدرەتلىك سىغدۇرۇشچانلىق ۋە ئۇيۇشۇشچانلىققا ئىگە. بورتالا مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك ئوبلاست بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشتىن- ئاخىر شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى ۋە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشقا قاراپ ئورتاق يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەر ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ياخشى ئۈلگە كۆرسىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ بورتالا ئوبلاستى كۈچىنى قوشۇشى كېرەك.

 جاڭ جۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، ھەربىي رايون، بىڭتۇەن ھەم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا ۋاكالىتەن مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار تەبرىكلەش ئۆمىكىنىڭ كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى، بورتالا ئوبلاستىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا سەمىمىي سالام يوللىدى، ئۇزاقتىن بۇيان بورتالا ئوبلاستىنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىنى قوللاپ كېلىۋاتقان نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە ۋە ھەر ساھە دوستلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: 70 يىلدا، بورتالا ئوبلاستىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش نامايان بولدى. بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بورتالا ئوبلاستى پۈتۈن شىنجاڭ بىلەن بىرلىكتە تەرەققىيات سۈپىتى ئەڭ يۇقىرى، شەھەر- يېزا قىياپىتىدىكى ئۆزگىرىش ئەڭ چوڭ، ھەر مىللەت ئامما ئېرىشكەن ئەمەلىي نەپ ئەڭ كۆپ بولغان مەزگىلگە قەدەم قويدى. زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويغاندا، بورتالا ئوبلاستىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشتىن- ئاخىر جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشنىڭ بورتالا ئوبلاستى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىشى كېرەك.

 مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار تەبرىكلەش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى، خۇبېي ئۆلكىسى پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق تەبرىكلەش ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقلىرىدىن مەمتىمىن قادىر، مۇقىيات جارمۇقامەت، پۇ شۆمېي، بىر قىسىم دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلەر، پۈتۈن مەملىكەتتىكى بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەت ئاپتونوم ئوبلاستلىرى ۋە ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار قاتناشتى.

 پائالىيەت مەزگىلىدە، يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلار يەنە بورتالا ئوبلاستىدىكى يېزا- كەنت، مەكتەپ، پورت، كارخانا قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ كۆزدىن كەچۈردى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125