ئەركىن تۇنىياز شەرقىي قىسىم ئافرىقا ئىنگلىز تىلى دۆلەتلىرىدىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ياش رەھبەرلەر تەكشۈرۈش ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى
10:43:23 2024-07-25 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئەركىن تۇنىياز شەرقىي قىسىم ئافرىقا ئىنگلىز تىلى دۆلەتلىرىدىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ياش رەھبەرلەر تەكشۈرۈش ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى ياڭ) 7- ئاينىڭ 23- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە شىنجاڭغا ئېكسكۇرسىيە- زىيارەتكە كەلگەن شەرقىي قىسىم ئافرىقا ئىنگلىز تىلى دۆلەتلىرىدىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ياش رەھبەرلەر تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى. 

 ئەركىن تۇنىياز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەرنى قىزغىن قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو- ئافرىقا ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، جۇڭگو- ئافرىقا دوستلۇقى سىناقلارنى باشتىن كەچۈردى، ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى پۇختا ئىگىلەپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دىننى ساغلام تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلەپ، ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتى خەزىنىسىدە گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تېز ئالغا سىلجىتتى، بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەر ھەممىگە ئايان. ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدىكى بەزى كۈچلەر «مىللەت» «دىن» «كىشىلىك ھوقۇق»نى دەستەك قىلىپ، شىنجاڭغا خالىغانچە بوھتان چاپلىدى، قارا سۈركىدى، غەرىزى «شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگونى توسۇش» سۇيىقەستىنى ئىشقا ئاشۇرۇش. تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق ئوبيېكتىپ، ھەقىقىي شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى تونۇپ يېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. كۆپچىلىكنىڭ كۆپرەك ئايلىنىپ، كۆپرەك كۆرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شىنجاڭنى چۈشىنىشىنى، شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. 

 تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، لىبېرىيە ئىتتىپاق پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك رەئىسى لۇسې تاپې مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى جۇڭگو شىنجاڭ سەپىرىدە، تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ ھەربىر ئەزاسى مول ھاسىلاتقا ئېرىشتى. گۈللەنگەن، مۇقىم بولغان، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان شىنجاڭ تەكشۈرۈش ئۆمىكىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. ئۇلار كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرى ۋە ئۆگەنگەن تەجرىبىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي پارتىيەسى ۋە دۆلىتىگە يەتكۈزۈپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. 

 جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125