ئەركىن تۇنىياز سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى
10:51:07 2024-07-25 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئەركىن تۇنىياز سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

 يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش داۋامىدا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ ئالدىدا مېڭىش كېرەك

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى ياڭ) 7- ئاينىڭ 21- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى، گۇچۇڭ ناھىيەسى، جىمىسار ناھىيەسىگە بېرىپ، باغچە رايونى، كارخانا، نېفىتلىك، ئېتىزلىق، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: سانجى ئوبلاستى پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئىسلاھات ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش داۋامىدا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ ئالدىدا مېڭىشى كېرەك.

 خۇاديەن شىنجاڭ توك تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە شۆبە شىركىتىدە، ئەركىن تۇنىياز خۇاديەن مورى 1 مىليون كىلوۋاتلىق كاربون (IV) ئوكسىدى ئارقىلىق ھاۋانى قىسىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى ۋە شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ئېلېكتىر تۈرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزلەپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، نۇقتىلىق ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردا كۈچەپ بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كېڭەيتىش، زەنجىرنى كۈچەيتىش كېرەك. ئەركىن تۇنىياز يەنە شىنجاڭ شۇاڭجيې يېڭى ئېنېرگىيەسى، دۇڭفاڭ شامال ئېلېكتىرى، جياشېڭ ئېنېرگىيەسى، جىنفېڭ پەن- تېخنىكىسى قاتارلىق شامال ئېلېكتىر جابدۇقلىرىنى ياساش كارخانىسىغا بېرىپ، سېخلارغا كىرىپ، تېخنىكا لىنىيەسى، مەھسۇلات ئىقتىدارى ۋە بازارنى كېڭەيتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى سوراپ مۇنداق تەكىتلىدى: توك چىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن ئېلېكتىر تورى ئۈسكۈنىلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ۋە ئېلېكتىر ئىستېمالىنى ئالدىن پىلانلاپ، يېڭى ئېنېرگىيە تۈرلىرى ۋە يۈرۈشلۈك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ئەركىن تۇنىياز دىيامېتىرى 110 مېتىر كېلىدىغان تولۇق يۆنىلىشلىك ھەرىكەتچان رادىيوتېلېسكوپ تۈرى (QTT) قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىغا كېلىپ، تۈرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: «دۆلەتنىڭ مۇھىم قوراللىرى»نى قۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلاش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى تۇتۇش ئالدىنقى شەرتىدە، ئىش مۇددىتىنى تەتۈر ساناق بويىچە تىزىپ، نىشان بەلگىلەپ جەڭ قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىش كېرەك. پەن تەتقىقات تۈرىنى ئالدىن پىلانلاپ، كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ، تۈر پۈتكەندىن كېيىن دەرھال ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك، تەسىر كۈچىگە ئىگە پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈش كېرەك. مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، ئاسترونومىيە بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئېكسكۇرسىيە قىلىش، تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش قاتارلىق «ساياھەت +» كەسىپ ھالىتىنى ئېچىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يىراق- يېقىنغا داڭقى كەتكەن «ئاسترونومىيە بازىرى»نى بەرپا قىلىش كېرەك.

 گۇچۇڭ ناھىيەسى جېبىكى بازىرىنىڭ جاڭبا كەنتىدە ئەركىن تۇنىياز بۇغدايلىققا كىرىپ، بۇغداي ئورۇشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى، بۇغداينىڭ مو بېشى ھوسۇلى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئاشلىق سېتىۋېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: «يازنىڭ ئۈچ ئىشى» بويىچە بۇغداي سېتىۋېلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ھەربىر تال داننىمۇ ئامبارغا تولۇق كىرگۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مۇنبەت ئېتىز، ئەلا سورت، ياخشى ئۇسۇل، ياخشى پۇرسەت، ياخشى تۈزۈمنى يۇغۇرۇپ ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاشلىقنىڭ بىرلىك ھوسۇلىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇرۇش كېرەك.

 دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك قۇرۇقلۇق فاتسىيەلىك سىلانېتس قاتلىمىدىن نېفىت ئېلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى − شىنجاڭ نېفىتلىكى جىچىڭ نېفىتلىك مەشغۇلات رايونىدا ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: سىلانېتس مېيى ئېچىشنىڭ دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى دۆلەت ئىچىدىكى قۇرۇقلۇق فاتسىيەلىك سىلانېتس مېيى ئېچىشقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان باشلامچى قىلىپ بەرپا قىلىش كېرەك. 

 تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش، كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى پۇختا قەدەمدە ئاشۇرۇپ، جاسارەت بىلەن يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك ئوبلاستى قۇرۇش كېرەك. «3- پەسلىدە ئاخىرقى كۈچەش، كېيىنكى يېرىم يىلدا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش»تىن ئىبارەت كۈچلۈك ھۇجۇم ۋەزىيىتىنى تېز قوزغاپ، پۈتۈن يىللىق نىشان- ۋەزىپىلەرنى ئوڭۇشلۇق تاماملاش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك. ئىسلاھات ئارقىلىق تەرەققىياتتىكى بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، مۇلازىمەتنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت- سودا مۇھىتىنى سىجىل يارىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125