ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ 2024- يىللىق 3- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى
10:56:59 2024-07-25 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ 2024- يىللىق 3- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

 يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىك ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى ياڭ) 7- ئاينىڭ 23- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ 2024- يىللىق 3- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى، بولۇپمۇ شەنشىنىڭ شاڭلو شەھىرى جاشۇي ناھىيەسى تەۋەسىدىكى بىر يۇقىرى سۈرئەتلىك يول كۆۋرۈكىنىڭ گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەنلىكى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ھەمدە زۇڭلى لى چياڭنىڭ تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، يېقىنقى مەزگىلدىكى ھادىسە، ئاپەتلەرنىڭ ساۋاقلىرىنى چوڭقۇر قوبۇل قىلىپ، بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىپ، ھۆكۈم قىلىپ، زور بىخەتەرلىك خەۋپ- خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈگىتىشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەرنىڭ يۈزبېرىشىنى قەتئىي توسۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

 يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تۆۋەنلەش يۈزلىنىشى كۆرۈلدى، لېكىن بىخەتەر تەرەققىيات ئىدىيەسى مۇستەھكەم تىكلەنمەسلىك، نۇقتىلىق ساھەلەردە ھادىسىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قاتتىق بولماسلىق، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرى دەل جايىدا بولماسلىق، تەبىئىي ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ۋە كەمتۈكلۈكلەر يەنىلا مەۋجۇت. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار «بىر تەرەپنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىر تەرەپنىڭ تىنچ- ئامانلىقىنى قوغداش» سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىسىگە ئېلىپ، دىققەتنى كەمتۈكلۈكلەر، ئاجىز تۈرلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىك ئارقىلىق پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: نۇقتىلىق جايلار، نۇقتىلىق ساھەلەر، نۇقتىلىق ئورۇنلارنى چىڭ كۆزلەپ، بىر جايغا بىر تەدبىر، بىر كارخانىغا بىر تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەرلىك خەۋپ- خەتىرىنى مەنبەدىن تۆۋەنلىتىش كېرەك. پۈتۈن ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى مەخسۇس تۈزەشنى دەرھال ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ قانات يايدۇرۇپ، ئاسما يول يۈزى، كۆۋرۈك، تونېللارغا قارىتا ھەر تەرەپلىمە، قاراتمىلىق ھالدا بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى بويىچە بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. مايتاغ- كۇچا تاشيولى، S101 لىنىيەسى ۋە غۇلجا- موڭغۇلكۈرە تاشيولى قاتارلىق نۇقتىلىق تاشيوللارنى چىڭ كۆزلەپ، قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان يول بۆلەكلىرى، دۆلەت، ئۆلكە غول يوللىرى ھەم يېزا- كەنت تاشيولى قاتارلىقلارنىڭ يول يۈزىنى باشقۇرۇش- تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، چارلاش، تەكشۈرۈش قېتىم سانىنى كۆپەيتىش كېرەك. كان بىخەتەرلىكىنى چىڭ كۆزلەپ، ئاقىل كان، يېشىل كان قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەشنى بىخەتەر، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇشنى چىڭ كۆزلەپ، كېڭىشىپ ھۆكۈم قىلىش ۋە كۆزىتىش- ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، بىرىنچى ۋاقىتتا خەۋەرلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاراتمىلىقى بولغان ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا مۇھاكىمە قىلىپ تۈزۈش كېرەك. ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى چىڭ كۆزلەپ، توكلۇق ۋېلىسىپىت بىخەتەرلىكى يوشۇرۇن خەۋپىنى پۈتۈن زەنجىرلىك تۈزەشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، تىپىك ئوت ئاپىتى مىساللىرى ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرۇش تەربىيەسىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىك ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك. مەدەنىيەت- ساياھەت، يېقىلغۇ گاز، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى، تاشيول، تۆمۈريول، خەلق ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپ ۋە ساھەلەردە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ماھىيەتتىن تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ماھىيەتلىك بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: «پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇش، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇش، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش»نى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆتكەلنى ئالدىغا يۆتكەش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىش، قاتتىق زەربە بېرىش، نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش، قانۇن ئىجرا قىلىشنىڭ دەل جايىدا بولۇشى، ئۈنۈملۈك بولۇشىنى سىجىل ئاشۇرۇش كېرەك. ماسلاشتۇرۇش، ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشتىكى قاراڭغۇ رايون ۋە بوش قالغان نۇقتا پەيدا بولۇشتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسى قاتارلىقلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، قانۇن- بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن- ئىنتىزام بويىچە قەتئىي قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

 يىغىندا پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ يىلدىن بۇيانقى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئەھۋالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى. ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

 چېن ۋېيجۈن رىياسەتچىلىك قىلدى، يۈسۈپجان مەمەت، سۈن خۇڭمېي، ۋاڭ گاڭ، مەردان مۇقىيىت، قەيسەر ئابدۇكېرىم، جۇ لىفەن، باتۇ قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125