قىممەتلىك پەيت! شىنجاڭ ئالتاينىڭ كۆكتوقايدا تاغ يىلپىزىنىڭ كۆرۈنۈشى رەڭلىك ھالەتتە سىنغا تارتىۋېلىندى
12:44:50 2024-07-25 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 يېقىندا، شىنجاڭ ئالتاي تېغى دۆلەت ئورمىنىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى كۆكتوقاي شۆبە ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئورمان رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان كۆزىتىپ ئۆلچەش تېلېكامىراسىدا تارتىلغان سىنلارنى يىغىۋالغاندا، تۇنجى قېتىم يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى رەڭلىك ئۈسكۈنىدىن دۆلەت تەرىپىدىن 1- دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان − تاغ يىلپىزىنىڭ قىممەتلىك سىن كۆرۈنۈشىگە ئېرىشتى.

 بۇ تاغ يىلپىزى ئېگىز تاغ چوققىلىرى ئارىسىدا مېڭىپ ئۆتكەن بولۇپ، قېنىق كۈلرەڭ مويلىرى ۋە قارا داغلىرىنى ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى. ئۇنىڭ ياشاش خۇسۇسىيىتى ئالاھىدە ھەم ياشاش مۇھىتى مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان بولغاچقا، كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە تەتقىق قىلىش خىزمىتى ئىزچىل نۇرغۇن خىرىسقا دۇچ كەلگەنىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شۇ جاي ئورمان رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش سالمىقىنى سىجىل  كۈچەيتىپ، مۇكەممەل بولغان ياۋايى ھايۋانلارنى كۆزىتىپ ئۆلچەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى. ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق فوتو ئاپپارات ئورنىتىش، كۈندىلىك چارلاشنى قانات يايدۇرۇش، ئېگىز تاغدا نازارەت قىلىش تورى قۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، ئورمان رايونىدىكى ياۋايى ھايۋانلار بايلىقىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق كۆزىتىپ ئۆلچىدى ۋە قوغدىدى.

 (باش ئىستانسا مۇخبىرى ليۇ فېي، ساۋ جياڭ، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى)

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125