16 دۆلەتنىڭ تاراتقۇ خادىملىرى ئۈرۈمچىگە كەلدى
11:08:05 2024-07-25 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 16 دۆلەتنىڭ تاراتقۇ خادىملىرى ئۈرۈمچىگە كەلدى: «بۇ، بىر قېتىم كەلسە يەنە كەلگۈسى كېلىدىغان شەھەر ئىكەن»

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سو رۇڭجى

 6- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 22- كۈنىگىچە، «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىغا كىرىش» باش تېمىسىدىكى زىيارەت پائالىيىتىگە قاتناشقان 16 دۆلەتنىڭ 17 تاراتقۇ خادىمى ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى، گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىل گۇرۇھى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى، شىنجاڭ يۇمشاق دېتال باغچىسى، شىنجاڭ سەنئەت ئورنى مۇقام سەنئەت ئۆمىكى، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار قاتارلىق ئورۇنلارغا بېرىپ، ئۈرۈمچىدە ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقى، مەدەنىيەتنىڭ گۈللەنگەنلىكى ھەمدە خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشاپ خۇشال- خۇرام ئىشلەۋاتقانلىقىدەك ھەقىقىي ئەھۋالنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى.

 تومۇزدا ھاۋا ناھايىتى ئىسسىق ئىدى، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يىغىلىش مەركىزىدە، پاراۋۇزلار ئۇياق- بۇياققا ئۆتۈشۈپ، توختىماي مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى، بىر تەرەپتىكى گىرەلىشىپ كەتكەن تۆمۈريول رېلىسلىرى يىراقلارغا سوزۇلغانىدى. «بەك ھەيۋەتلىك ئىكەن!» ئۆزبېكىستان «ئانگىرېن ھەقىقەت گېزىتى»نىڭ باش مۇھەررىرى مۇستافېينا ئارمىيلا مۇنداق دېدى: جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ كۈندىلىك تۈرلۈك ماللىرى ئۆزبېكىستانغا توشۇلدى، ئۆزبېكىستاننىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىمۇ جۇڭگوغا توشۇلدى، «مەن دۆلەت ئىچىدە جۇڭگودا ئىشلەپچىقىرىلغان نۇرغۇن كۈندىلىك تۈرلۈك ماللارنى سېتىۋالغانىدىم، بۇ نەرسىلەر ناھايىتى ياخشىكەن».

 گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىل گۇرۇھى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىدە، تاراتقۇ خادىملىرى چۇەنچى ئاپتوموبىلىنى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى باش قۇراشتۇرۇش سېخىغا كىرىپ، ھەربىر مەشغۇلات لىنىيەسىنىڭ ئىش تەرتىپى ۋە ئاقما لىنىيەدە قۇراشتۇرۇش پۈتۈن جەريانىنى ئىگىلىدى. يېڭى ئاپتوموبىل كۆرگەزمە رايونىدا، كۆپچىلىك ئاپتوموبىل باھاسىنى سورىدى ھەم بەس- بەستە يېڭى ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ سىناپ باقتى. گىرۇزىيە «رۇستاۋېي − 2» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ نوپۇزلۇق دىكتورى لېۋان پەنسىخاۋا مۇنداق دېدى: بۇ زامانىۋىلاشقان زاۋۇتتا، مەن جۇڭگونىڭ داڭلىق ماركىلىق ئاپتوموبىلىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشتىن لايىھەلىنىشكىچە ھەممىسىنىڭ خەلقئارا سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.

 شىنجاڭ يۇمشاق دېتال باغچىسىدىكى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش تەقلىدىي مەشغۇلات رايونىدا، كانادا «كانادا ئارخىپى»نىڭ قۇرغۇچىسى ھەم باش مۇھەررىرى ئەيدېڭ يۆنا ماشىنىدا ئولتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ماشىنىلاشقان مەشغۇلاتىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا ئېلىپ كەلگەن قولايلىقىنى ھېس قىلدى. «ئېتىز پەرۋىشىنى چوڭ سانلىق مەلۇماتتىن پايدىلىنىپ ئاپتوماتىك تەھلىل قىلغىلى، ئەگەشكىلى بولىدىكەن، ناھايىتى ئەقلىي ئىقتىدارلىشىپتۇ» دېدى ئۇ.

 16 دۆلەتنىڭ تاراتقۇ خادىملىرى شىنجاڭ سەنئەت ئورنى مۇقام سەنئەت ئۆمىكىنىڭ مەشىق زالىدا بۇ ئۆمەك ئورۇنلىغان مۇقام ئويۇنىنى كۆرۈپ، شىنجاڭدا مىللەتلەر مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىنغانلىقى ۋە ئۇنىڭ راۋاجلاندۇرۇلغانلىقىنى ھېس قىلدى.

 مۇقام سەنئەت ئۆمىكىنىڭ چوقۇم ئورۇنلايدىغان نومۇرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 12 مۇقام ئىچىدىكى نادىر ئارىيە «جۇلا» ھەر قېتىم ئورۇنلانغاندا قىزغىن ئىنكاس قوزغايدۇ. ئورۇنلىغۇچىلار ئۆزگىچە ئۇسسۇل قىياپىتى ۋە ماھارىتى ئارقىلىق مۇقام سەنئىتىنىڭ جەۋھىرىنى نامايان قىلدى، ناخشا، ئۇسسۇل، مۇزىكا يۇغۇرۇلغان سەنئەت شەكلى كىشىلەرنىڭ كۆزىنى چاقناتتى. كۆپچىلىك ھەربىر نومۇرغا مەپتۇن بولدى، ھەر قېتىم نومۇر ئاخىرلاشقاندا، ئۇلار شۇ ھامان قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى.

 كەچكى شەپەق غەربكە ئولتۇرغاندا، 16 دۆلەتنىڭ تاراتقۇ خادىملىرى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازارغا كەلدى. بۇ چاغدا شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولغانىدى، ھەممىلا يەردە ساياھەتچىلەرنىڭ مىللىي ئەنئەنىۋى كىيىم- كېچەكلەرنى كىيىپ زىبۇ- زىننەتلەرنى تاقاپ، داكا قىلىپ سۈرەتكە چۈشۈۋاتقانلىقىنى ئۇچراتقىلى بولاتتى.

 «ھەربىر دۇكاندا مەدەنىيەت ۋە ھېكايىلەر نامايان قىلىنىپتۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى قېزىشىمغا ئەرزىيدىكەن. بۇ، بىر قېتىم كەلسە يەنە كەلگۈسى كېلىدىغان شەھەر ئىكەن.» بىر تاراتقۇ خادىمى كۆپچىلىكنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئېيتتى، كۆپچىلىك كېلەر قېتىم يەنە ئۈرۈمچىگە كېلىپ كۆرۈشۈشكە ۋەدىلەشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125