قانداق ياردەم تولۇقلىمىسى تۇرسۇنگۈل ئائىلىسىنى 20 مىڭ يۈەن كۆپ كىرىم قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى؟
11:13:05 2024-07-25 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 قانداق ياردەم تولۇقلىمىسى تۇرسۇنگۈل ئائىلىسىنى 20 مىڭ يۈەن كۆپ كىرىم قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى؟

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما بويۈ

 كېرىيە ناھىيەسى جاي يېزىسى جىرىم كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى تۇرسۇنگۇل ئوبۇلقاسىمنىڭ ئانىسى ئۆيدە كېسەل ئىدى، ئىككى ئىنىسى ۋە بالىسى تېخى مەكتەپتە ئوقۇۋاتاتتى... ئىلگىرى بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ چىقىمى سىرتتا ئىشلەۋاتقان ئېرى ۋە ئاكىلىرىغا قاراشلىق ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ ئۆيىدە كالا- قوي بېقىشقا تايىنىپمۇ كىرىم قىلالايدىغان بولدى.

 بۇ يىل 6- ئايدا، ئاپتونوم رايوننىڭ «2024- يىلى كەسىپلەر بويىچە ئائىلىلەرگىچە دەل جايىدا ياردەم قىلىش- يۆلەشكە تۈرتكە بولۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار خىزمەت توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»ىغا ئاساسەن، كېرىيە ناھىيەسى جاي يېزىسىدا يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، يېزا باشلىقى 1- جاۋابكار بولۇش سۈپىتىدە، مۇكاپات- تولۇقلىما بېرىش تۈرىنىڭ ئوبيېكتى، ئۆلچىمى، مەزمۇنى بويىچە بۇ خىزمەتكە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولدى، تولۇقلىما بېرىشكە تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسىگە تولۇقلىما بېرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

 كېرىيە ناھىيەسى جاي يېزىلىق يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ كادىرى ياڭ تاۋتاۋ مۇنداق تونۇشتۇردى: يېزا ئالدى بىلەن تەكتىنى ئېنىقلاپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ھەممىسىنى رەتلەپ چىقتى، ئاندىن ھەربىر ئائىلىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە شەخسنىڭ رايىغا ئاساسەن تۈرگە ئايرىپ مۇكاپات- تولۇقلىما بەردى، بۇ ئايرىم- ئايرىم ھالدا باقمىچىلىق تۈرى، تېرىقچىلىق تۈرى، باغۋەنچىلىك تۈرى، بېلىقچىلىق تۈرى، ئائىلە ئىقتىسادى تۈرى، ئىشقا ئورۇنلىشىش- ئىگىلىك تىكلەش تۈرىدىن ئىبارەت جەمئىي ئالتە تۈرگە ئايرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىككى نەپەر مەخسۇس كادىرنى مۇكاپات- تولۇقلىما بېرىش تۈرىنى كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئەۋەتىپ، ھەر ئاينىڭ 20- كۈنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتە لاياقەتلىك بولغان مۇكاپات- تولۇقلىما بېرىش تىزىملىكىنى جەملەپ يۇقىرىغا يوللىدى ھەم ناھىيەدىكى كەسپىي تارماقلارنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىنى ئىلتىماس قىلىپ، شۇ ئايدا بىر تۈركۈمىنى تاماملاش، بىر تۈركۈمىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، بىر تۈركۈمىگە مۇكاپات- تولۇقلىما بېرىشنى ئىشقا ئاشۇردى. تۇرسۇنگۈل ئائىلىسى تۇنجى تۈركۈمدە باقمىچىلىق تۈرى بويىچە مۇكاپات- تولۇقلىما بېرىشتىن بەھرىمەن بولغان دېھقان ئائىلىسى بولۇپ قالدى. 

 تۇرسۇنگۈل ئائىلىسىدىكىلەر ئالاقىدار مۇكاپات- تولۇقلىما بېرىش تۈرى ئۆلچىمى بويىچە كۆپ تۆللەيدىغان ساغلىقتىن سەككىزنى ۋە كۆپ تۆللەيدىغان ئىنەكتىن ئىككىنى سېتىۋالدى، ساغلىقنىڭ ھەربىرىگە 400 يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى، ئىنەكنىڭ ھەربىرىگە 4000 يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلگەن بولۇپ، ئالغان ياردەم تولۇقلىمىسى جەمئىي 11 مىڭ 200 يۈەن بولدى.

 بۇنىڭ ئۈچۈن، يېزىلىق چارۋىچىلىق پونكىتىدىكىلەر كەنتلەرگە بېرىپ ئائىلىلەرگە كىرىپ، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتلىك بولغان قوي- كالىلارنى دەل جايىدا تەقسىملەپ، ئۇلارغا مەخسۇس قۇلاق بەلگىسى سېلىپ، بىرتۇتاش باشقۇرۇش ۋە قوي- كالىلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە قولايلىق ياراتتى ھەم دېھقان ئائىلىلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن سۇغۇرتا سېتىۋېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ھېچقانداق چاتاق چىقماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

 قوي- كالىلار ئەمەلىيلەشتى، قانداق قىلغاندا دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ قوي- كالىلارنى ياخشى بېقىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەرگىلى بولىدۇ؟ يېزىلىق چارۋىچىلىق پونكىتى تېخنىكلارنى قەرەللىك ھالدا قوي- كالىلارغا ۋاكسىنا ئەملەشكە، ئائىلىلەرگە بېرىپ باقمىچىلىق بويىچە يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەۋەتتى، بۇ، تۇرسۇنگۈل ئائىلىسىنى كۆپ نەپكە ئېرىشتۈردى. «ئىلگىرى بىز يەرلىك قوي باقاتتۇق، ھازىر ھەممىمىز كۆپ تۆللەيدىغان قوي بېقىۋاتىمىز، بىرتۇتاش سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرغاندىن كېيىن، ئۇلار بىر نەچچىنى قوزىلايدۇ، قوي كۆپەيسە پۇلمۇ كۆپىيىدىكەن.» ئۇ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ئائىلىمىز يېڭىدىن سېتىۋالغان ئىنەكلەرنىڭ ھەممىسىنى نەسىللەندۈرۈپ بولدۇق، يېڭىدىن سېتىۋالغان ساغلىقلارمۇ قوزىلىدى. ھېسابلاپ باقسام، يىل ئاخىرىدا ئائىلىمىزنىڭ كىرىمى ئاز دېگەندە 20 مىڭ يۈەن ئاشىدىكەن. 

 قوي- كالىلارنى بورداش جەھەتتە، چارۋىچىلىق پونكىتىدىكى تېخنىكلارمۇ كۆپ كۈچ سەرپ قىلدى، ئۇلار دېھقان ئائىلىلىرىنى يايلىتىش ئۇسۇلىدا بېقىشنى قوتاندا بېقىشقا ئۆزگەرتىشكە يېتەكلىدى، بۇ ئارقىلىق ھەم ئادەم كۈچى ۋە ماددىي كۈچ تېجەپ قېلىندى ھەم قوي- كالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىندى. تېخنىكلار يەنە دېھقان ئائىلىلىرىنى قوتان ۋە يەم- خەشەكنى ئەلالاشتۇرۇشقا يېتەكلىدى، يېرىم يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە قوي- كالىلار سېمىز ھەم تىمەن بولۇپ كەتتى.

 تونۇشتۇرۇلۇشىچە، كېرىيە ناھىيەسىدە 2024- يىلى كەسىپلەر بويىچە ئائىلىلەرگىچە دەل جايىدا ياردەم قىلىش- يۆلەشكە تۈرتكە بولۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈرىدىن جەمئىي 270 ئائىلە نەپكە ئېرىشكەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلە ۋە كۆزىتىش- ئۆلچەش ئوبيېكتى بولۇپ، ئىلتىماس قىلىنغان يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بويىچە جىپسىلاشتۇرۇش مەبلىغى 1 مىليون 503 مىڭ 600 يۈەن بولغان. بۇ تۈرنى جاي يېزىلىق ھۆكۈمەت تەشكىللەپ يولغا قويغان، بۇ، مۇشۇ يېزىنىڭ 12 كەنتىدىكى 270 نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلە، كۆزىتىش- ئۆلچەش ئوبيېكتىغا قارىتا ئائىلىلەرگىچە يولغا قويۇلغان كەسىپ تۈرى بولۇپ، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن 265 كۆپ تۆللەيدىغان ئىنەك، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن 1109 كۆپ تۆللەيدىغان ساغلىققا چېتىلغان، جەمئىي 1 مىليون 503 مىڭ 600 يۈەن مۇكاپات- تولۇقلىما بېرىلگەن، مەنپەئەتلەنگۈچى ئائىلىلەرگە مەبلەغ تارقىتىپ بېرىلگەن.

 7- ئاينىڭ 1- كۈنى، 2- تۈركۈمدىكى تۈر مەبلىغىمۇ ئەمەلىيلەشتى، جاي يېزىسىنىڭ 12 كەنتىدىكى 2187 نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلە، كۆزىتىش- ئۆلچەش ئوبيېكتى ئىلتىماس قىلغان باشقا تۈرلەرگە داۋاملىق مۇكاپات- تولۇقلىما بېرىلىدۇ، تۇرسۇنگۈل ئائىلىسى باقمىچىلىق تۈرى، تېرىقچىلىق تۈرى، باغۋەنچىلىك تۈرى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك ياردەم تولۇقلىمىسىدىن داۋاملىق بەھرىمەن بولىدۇ، بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى چەكسىز خۇشاللىققا چۆمدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125