جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى «ئۆزى ھاۋا تەڭشىگۈچ، كارىۋات سېلىنچىسى ئېلىپ كەلدى» دېگەندەك سۆز- چۆچەكلەرگە رەددىيە بەردى
18:42:42 2024-07-25 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى 24- چېسلا توردا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، يېقىندا توردا تارقىلىپ يۈرگەن «ئولىمپىك كەنتىگە ئۆزى ھاۋا تەڭشىگۈچ ئورناتتى»، «جۇڭگو كوماندىسى كارىۋات سېلىنچىسى ئېلىپ كەلدى» دېگەندەك سۆز- چۆچەكلەرگە رەددىيە بەردى، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باش كاتىپى جاڭ شىن مۇنداق دېدى: ئولىمپىك كەنتى كۆچمە ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىجارىگە بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان بولغاچقا، ۋەكىللەر ئۆمىكى ھاۋارايى ئەھۋالىغا قاراپ ئىجارە ئېلىشنى ئويلىشىدۇ، ئۆزى ھاۋا تەڭشىگۈچ ئېلىپ كېلىپ ئورنىتىش ھەقىقەتەن ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، پۈتكۈل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ كارىۋات سېلىنچىسى ئېلىپ كېلىشىمۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس.

 نۆۋەتتە، جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك ئىشتابى ۋە 20گە يېقىن كوماندا ئولىمپىك كەنتىگە ئورۇنلىشىپ بولدى، جاڭ شىن ئولىمپىك كەنتىنىڭ ياتاق، تاماق شارائىتى ۋە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەييارلىق ئەھۋالىنى مەخسۇس تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھەر نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ۋە مۇسابىقە تەشكىلىي كومىتېتى پۈتۈن يەر شارىدىن كەلگەن تەنھەرىكەتچىلەرگە ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ، «يېقىنقى بىر نەچچە نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، پارىژ ئولىمپىك كەنتىنىڭ ياتاق، تاماق شارائىتى ۋە تۇرمۇش مۇھىتى، مەشىق، مۇسابىقە، مەيدان- ساراي، قاتناش مۇلازىمىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۆزگىچىلىككە ئىگە، لېكىن ئاساسىي ئۆلچىمى يەنىلا بىردەك».

7- ئاينىڭ 23- كۈنى، جۇڭگو ئاياللار زەيتۇن توپ كوماندىسى پارىژ ئولىمپىك كەنتىدىكى ياتاق بىناسىدىن چىقىپ، مەشىق قىلىش ئۈچۈن ماڭدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى

 يېقىندا «ئولىمپىك كەنتىدە ئۆزى ھاۋا تەڭشىگۈچ ئورناتتى»، «جۇڭگو كوماندىسى كارىۋات سېلىنچىسى ئېلىپ كەلدى» دېگەندەك خەۋەرلەر كەڭ تارقالدى، جاڭ شىنمۇ رەددىيە بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئولىمپىك كەنتىدىكى ھەر بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى تۇرىدىغان بىنانى تەشكىلىي كومىتېت بىر تۇتاش تەقسىم قىلغان، ھەر بىر بىنانىڭ شەكلى ئوخشىمايدۇ، سوۋۇتۇش شەكلىمۇ ئوخشىمايدۇ، مەركىزىي ھاۋا تەڭشىگۈچ، سۇنى ئايلاندۇرۇپ سوۋۇتۇش ئۈسكۈنىسى، شامالدۇرغۇچ بار، لېكىن بۇ بىر نەچچە كۈندىكى پارىژنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسىدىن قارىغاندا، ئوخشاش بولمىغان بىنادا تۇرغاندىكى ھېسسىيات ئەمەلىيەتتە ئاساسەن ئوخشاش. توردا ئېيتىلغان بىزنى 300دىن ئارتۇق ھاۋا تەڭشىگۈچ ئېلىپ بېرىپتۇ، دېگەن گەپلەر ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، ئولىمپىك كەنتى كۆچمە ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئىجارىگە بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ۋەكىللەر ئۆمىكى ھاۋا ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئەگەر لازىم بولۇپ قالسا، شۇنداقلا ئايرىم نۇقتىلىق تۈرلەردە، ئەگەر سوۋۇتۇش سىستېمىسىنىڭ ھەقىقەتەن ياخشى ئەمەسلىكىنى ھېس قىلساق، ئىجارە ئېلىشنى ئويلىشىشىمىز مۇمكىن، لېكىن ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئۆزى ئېلىپ كېلىپ ئورنىتىپتۇ، دېگىنى ھەقىقەتەن ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان خەۋەر».

سۈرەتتە: 7- ئاينىڭ 23- كۈنى تارتىلغان پارىژ ئولىمپىك كەنتىدىكى جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەزالىرى تۇرۇۋاتقان ياتاق بىناسى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125