مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك 41 كادىرغا دېلو تۇرغۇزۇلدى
12:23:42 2024-07-25 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

2024- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى جەمئىي ئەرزىيەت- پاش قىلىش مەلۇماتىدىن 1 مىليون 754 مىڭ پارچە قېتىمنى قوبۇل قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە پاش قىلىش- ئەرز قىلىش تۈرىدىكى ئەرزىيەت- پاش قىلىش خېتى 477 مىڭ پارچە قېتىم. 971 مىڭ مەسىلە يىپ ئۇچىنى بىر تەرەپ قىلدى. 405 مىڭ پارچە دېلو تۇرغۇزدى، بۇنىڭ ئىچىدە دېلو تۇرغۇزۇلغان ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك كادىر 41 كىشى، نازارەت، ئىدارە دەرىجىلىك كادىر 2127 كىشى، ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىك كادىر 17 مىڭ كىشى، يېزا، بۆلۈم دەرىجىلىك كادىر 56 مىڭ كىشى؛ دېلو تۇرغۇزۇلغان ھازىرقى ياكى ئىلگىرىكى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى 47 مىڭ كىشى. 332 مىڭ كىشىگە جازا بەردى، بۇنىڭ ئىچىدە 266 مىڭ كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى بەردى، 93 مىڭ كىشىگە مەمۇرىي جازا بەردى؛ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك 25 كادىر، نازارەت، ئىدارە دەرىجىلىك 1806 كادىر، ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىك 13 مىڭ كادىر، يېزا، بۆلۈم دەرىجىلىك 43 مىڭ كادىر، 46 مىڭ ئادەتتىكى كادىر، يېزا، كارخانا قاتارلىقلاردىكى 229 مىڭ باشقا خادىمغا جازا بەردى.

2024- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى «تۆت خىل ھالەت»نى قوللىنىپ، 879 مىڭ ئادەم قېتىم تەنقىد- تەربىيە بەردى ۋە بىر تەرەپ قىلدى.

بۇنىڭ ئىچىدە، 1- خىل ھالەتنى قوللىنىپ، 542 مىڭ ئادەم قېتىم تەنقىد- تەربىيە بەردى ۋە بىر تەرەپ قىلدى، بۇ، ئومۇمىي ئادەم قېتىمنىڭ %61.6ىنى ئىگىلىدى؛

2- خىل ھالەتنى قوللىنىپ 271 مىڭ ئادەم قېتىم بىر تەرەپ قىلدى، بۇ، %30.8نى ئىگىلىدى؛

3- خىل ھالەتنى قوللىنىپ 31 مىڭ ئادەم قېتىم بىر تەرەپ قىلدى، بۇ، %3.5نى ئىگىلىدى؛

4- خىل ھالەتنى قوللىنىپ 36 مىڭ ئادەم قېتىم بىر تەرەپ قىلدى، بۇ، %4.1نى ئىگىلىدى.

پارا ئالغانلار بىلەن پارا بەرگەنلەرنى تەڭ تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارا بەرگەن 12 مىڭ ئادەمگە دېلو تۇرغۇزۇپ، 1941 ئادەمنى تەپتىش ئورگانلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى.

(باش ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى سۇڭ جىن)

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125