دېلو ئارقىلىق قانۇننى چۈشەندۈرۈش| بالا ئىش تېرىپ قويسا، ئاجرىشىپ كەتكەن ئاتا- ئانا مەسئۇلىيەتنى تەڭ ئۈستىگە ئالىدۇ
12:04:09 2024-07-26 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

جيا يۇڭجياۋ سىزغان

 [دېلو ئەھۋالى]

 ئاتا- ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن كېيىن، شياۋمەي دادىسى مەي x بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈردى، قۇرامىغا يەتمىگەن شياۋمەي باشقىلار بىلەن ئۇرۇشقاچقا، مەي x باشقىلارغا 18 مىڭ يۈەن تۆلەم تۆلىدى. مەي x ئالدىنقى ئايالى سا xتىن بىر قىسىم تۆلەم پۇلىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلدى، لېكىن سا x ئۆزىنىڭ بېقىش خىراجىتىنى بېرىپ بولغانلىقىنى، تۆلەم پۇلىنى ئۈستىگە ئالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. تەلىپى رەت قىلىنغاندىن كېيىن، مەي x سا xنىڭ  ئۈستىدىن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلدى.

 [قانۇن ماددىسى]

 «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 26- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەن: ئاتا- ئانىلارنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىنى بېقىش، تەربىيەلەش ۋە قوغداش مەجبۇرىيىتى بار. قۇرامىغا يەتكەن پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا- ئانىسىنى كۈتۈش، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە قوغداش مەجبۇرىيىتى بار.

 «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 1084- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئاتا- ئانا بىلەن پەرزەنت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئاتا- ئانىنىڭ ئاجرىشىشى بىلەن يوقالمايدۇ. ئاجراشقاندىن كېيىن، بالىنى مەيلى ئاتىسى ياكى ئانىسى بىۋاسىتە باقسۇن، ئۇ يەنىلا شۇ ئاتا- ئانىنىڭ پەرزەنتى. ئاجراشقاندىن كېيىنمۇ، ئاتا- ئانىنىڭ پەرزەنتىنى بېقىش، تەربىيەلەش، قوغداش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بولىدۇ.

 [قانۇن چۈشەندۈرۈش]

 مارالبېشى ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ سوت كوللېگىيەسىنىڭ سوتچىسى ئارزۇگۈل ئابدۇرېھىم مۇنداق دەپ قارىدى: گەرچە سا x ئوغلىنى بىۋاسىتە باقمىسىمۇ، لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن ئۇنىڭ ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتى بىكار قىلىنمىغان، ئوغلى باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەندە، ئۇمۇ قانۇن بويىچە مۇناسىپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. سوت مەھكىمىسى سا xنىڭ بېقىش خىراجىتىنى تۆلىگەنلىك ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھۆكۈم چىقارغاندا ئۇنىڭ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئەھۋالغا قاراپ يېنىكلىتىپ، مەي x تۆلىگەن تۆلەم پۇلىنىڭ %40ىنى ئۈستىگە ئېلىشقا ھۆكۈم قىلدى.

 «ئاتا- ئانا ئىككى تەرەپنىڭ پەرزەنتلىرىنى بېقىش، تەربىيەلەش ۋە قوغداش مەجبۇرىيىتى ئۆيلىنىش مۇناسىۋىتىنىڭ بىكار قىلىنىشى بىلەن يوقالمايدۇ». ئارزۇگۈل مۇنداق دېدى: ئاتا- ئانا ئىككى تەرەپ پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈپ، پەرزەنتلىرىگە ساغلام، ئىناق ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پەرزەنتلەر ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشى تۈپەيلىدىن باشقىلارغا زىيان يەتكۈزسە، ئاتا- ئانا ئىككى تەرەپ جاۋابكارلىقنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

 ئارزۇگۈل مۇنداق ئەسكەرتتى: ئاتا- ئانىلار ئۆيلىنىش مۇناسىۋىتىنىڭ بىكار قىلىنىشى بىلەن قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىنى بېقىش، تەربىيەلەش ۋە قوغداشتىن ۋاز كەچمەسلىكى، ئەكسىچە تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە غەمخورلۇق قىلىشى كېرەك. ئاتا- ئانىلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە كۆيۈنۈشى كەمچىل بولسا، بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، ئېغىر بولغاندا دەخلى- تەرۇزغا ئۇچرىشى ياكى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش يولىغا مېڭىپ قېلىشى مۇمكىن. قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلەر تۇيۇق يولغا كىرىپ قالسا، مەيلى بىۋاسىتە باققان ياكى بىۋاسىتە باقمايدىغان ئاتا ياكى ئانا بولسۇن، ئىككىلىسى مۇناسىپ قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

 (ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن رەتلىگەن)

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125