تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئەدەبىيات- سەنئەت كېچىلىكى قالتىس ئۆتكۈزۈلدى
16:24:41 2024-07-25 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر تاڭ يۇڭ) 7- ئاينىڭ 23- كۈنى كەچتە، «پارتىيەنىڭ نۇرى چېگرا رايوننى يورۇتتى غەيرەت- شىجائەتكە تولۇپ شانلىق سەھىپە پۈتەيلى» تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئەدەبىيات- سەنئەت كېچىلىكى بۇ ناھىيەنىڭ ئارال ئالتۇن سازلىقىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلۈپ، ھەر مىللەت ئاممىغا بىر مەيدان يېڭىچە مەدەنىيەت زىياپىتى ئېلىپ كەلدى. ئارتىسلار لەرزان ئۇسسۇلى، تەسىرلىك ناخشىلىرى ئارقىلىق پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتى ۋە گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىپادىلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئورتاق كۈرەش قىلىشتەك روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلدى.

7- ئاينىڭ 23- كۈنى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكى، شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ ئارتىسلىرى «گۈللەنگەن دەۋر» ناملىق مۇقەددىمە ناخشا- ئۇسسۇلىنى ئورۇنلىماقتا.

7- ئاينىڭ 23- كۈنى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكى، شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ ئارتىسلىرى «گۈل نېمىشقا شۇنچە قىزىل» دېگەن قوش كىشىلىك ناخشىنى ئورۇنلىماقتا.

7- ئاينىڭ 23- كۈنى، شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ ئارتىسلىرى «سۈزۈك ئېقىندىن قاپاققا سۇ ئېلىش» ناملىق ئۇسسۇلنى ئوينىماقتا.

7- ئاينىڭ 23- كۈنى، شېنجېن ئوپېرا- ئۇسسۇل تىياتىرخانىسىنىڭ ئارتىسلىرى ئۇسسۇللۇق تىياتىر − «يۇڭچۇن»دىن ئارىيە ئورۇنلىماقتا.

7- ئاينىڭ 23- كۈنى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ شەھەر- يېزىلىرىدىكى ياتاقلىق تۈزۈمدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ ئارتىسلىرى بىرلىكتە جىڭجۈ تىياتىرى − «كىتاب ھىدى ئېگىزلىككە تارالدى»نى ئورۇنلىماقتا.

7- ئاينىڭ 23- كۈنى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى كوللېكتىپ ئۇسسۇل − «ۋارىسلىق قىلىش»نى ئورۇندىماقتا.

7- ئاينىڭ 23- كۈنى، ساياھەتچىلەر ۋە شۇ جايدىكى ئامما ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرمەكتە.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125