ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىسسىق تومۇز كۈنلىرىدىكى ئىستېمال ئەسكەرتمىسىنى ئېلان قىلدى
19:31:43 2024-07-25 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 7- ئاينىڭ 24- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى 40 كۈنلۈك تومۇز كۈنلىرىدىكى ئىستېمال ئەسكەرتمىسىنى ئېلان قىلىپ، كەڭ ئىستېمال ئاممىسىنىڭ تۆۋەندىكى تۆت جەھەتتىن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسىگە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتتى.

 40 كۈنلۈك تومۇز باش تومۇز مەۋسۇمى بىلەن كۈزگى تېرىم مەۋسۇمى ئارىلىقىدا (مىلادىيە كالېندارى بويىچە 7- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 8- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە) كۆرۈلىدۇ، 40 كۈنلۈك تومۇز دەسلەپكى تومۇز، ئارا تومۇز ۋە ئاخىرقى تومۇز دەپ ئايرىلىدۇ.40 كۈنلۈك تومۇز بىر يىل ئىچىدىكى ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ئەڭ يۇقىرى ھەم نەم، تىنجىق بولىدىغان مەزگىل، بۇ ۋاقىتتىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش زۆرۈر. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى تۆۋەندىكىدەك ئەسكەرتىش بەردى:

 1. يېڭى يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى تاللاپ سېتىۋېلىش، يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ساقلاش كېرەك 

 40 كۈنلۈك تومۇزدا ھاۋا قاتتىق ئىسسىق ۋە نەم بولغاچقا، ھەر خىل يېمەكلىك ماتېرىياللىرى بىردەك ئاسانلا چىرىپ سۈپىتى ئۆزگىرىپ قالىدۇ، شۇڭا مۇنتىزىم سودا سارايلىرى، تاللا بازارلار ياكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازارلىرىدىن يېڭى يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى تاللاپ سېتىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ ساقلاش تەلىپى بويىچە ساقلاش ھەمدە تېزدىن ئىستېمال قىلىش، يېڭى، خام يېمەكلىكلەرنى ۋاقتىدا توڭلاتقۇغا سېلىپ سوغۇق ساقلاش كېرەك. يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى ئېھتىياجغا، ئىستېمال مىقدارىغا قاراپ ئېتىپ يېيىش، ئىمكانقەدەر قورۇمىلارنى، تاماقنى ئاشۇرۇپ قويماسلىق، ئېشىپ قالغان يېمەكلىكلەرنى ئۆي ئىچى تېمپېراتۇرىسىدا بەك ئۇزاق تۇرغۇزماسلىق، ھىم ئېتىلگەن قاچىغا سېلىپ ياكى يېڭى ساقلاش يالتىرىقى بىلەن ئوراپ توڭلاتقۇغا سېلىش، قايتا ئېلىپ يېيىشتىن بۇرۇن تولۇق ئىسسىتىۋېتىش كېرەك.

 2. يېمەك- ئىچمەكنى سۇيۇق- سەلەڭ قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش، ئوزۇقلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، كۆپرەك سۇ تولۇقلاش كېرەك

 ياز پەسلىدە غىزالىنىشتا سۇيۇق- سەلەڭ يېمەكلىكلەرنى ئاساس قىلىش، ئۈچ ۋاق تاماقتا مۇۋاپىق مىقداردا شورپا تۈرىدىكىلەرنى كۆپەيتىپ، سۇ تولۇقلاش كېرەك. يېڭى كۆكتات، مېۋىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ، ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلارنى تولۇقلاپ، ئوزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىسسىقنى قايتۇرىدىغان ۋە ئىسسىق ئۆتۈشنى داۋالاشقا پايدىلىق بەزى يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى، مەسىلەن، ماش، خاڭگا، كۇگۇا قاتارلىقلارنى تاللىسا، ئىسسىقنى قايتۇرۇپ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىسسىقنى بېسىپ، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش خەۋپىنى ئازايتىدۇ. قايناقسۇنى كۆپ ئىچىش، مېۋە شەربىتى، گازلىق سۇ تۈرىدىكى ئىچىملىكلەرنى ئىمكانقەدەر ئاز ئىچىش، ھاراقنى كۆپ ئىچمەسلىك كېرەك، 40 كۈنلۈك تومۇزدا ھاۋا تېمپېراتۇرىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغاچقا، دائىم نەم ئىسسىق بولۇش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئەگەر كۆپ مىقداردا ئاق ھاراق ئىچسە، ھۆل ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

 3. مۇزدەك سوغۇق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش، ئىستېمال قىلغاندا دىققەت قىلىش كېرەك 

 ياز پەسلىدىكى يۇقىرى ھاۋا تېمپېراتۇرىسىدا، مۇزدەك سوغۇق يېمەكلىكلەرنى كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلغاندا، ئاشقازان- ئۈچەي يوللىرىنى غىدىقلاپ، ئۇنىڭ ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىپ، قورساق ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئاشقازان- ئۈچەي كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قايناقسۇنى كۆپ ئىچىش، ياكى ماش شورپىسى، يېشىل چاي، قارىئۆرۈك شورپىسى قاتارلىقلارنى تاللاپ ئىچىپ ئىسسىقنى ھەيدەش كېرەك. توڭلىتىلغان ئىچىملىكلەرنى سېتىۋالغاندا مۇنتىزىم زاۋۇت ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنى تاللاش كېرەك، مەھسۇلات ئورالمىسىغا ماتېرىيال جەدۋىلى، ئىشلەپچىقارغان زاۋۇتى، ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامە نومۇرى (SCدىن باشلىنىدۇ)، مەھسۇلات ئۆلچەم نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلار ئېنىق يېزىلغان بولۇشى كېرەك، ئورالمىسىدا مەھسۇلات ئۇچۇرى بولمىغان ياكى ماركا ئۇچۇرى تولۇق بولمىغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشقا بولمايدۇ، بۇنداق مەھسۇلاتلاردا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى يوشۇرۇن خەۋپى بولۇشى مۇمكىن.

 4. ئالاھىدە كىشىلەر توپى دىققەت قىلىشى، يېمەك- ئىچمىكى مۇۋاپىق بولۇشى، تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك

 ياشانغانلار، بالىلار ھەم ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن كىشىلەر توپى خام ۋە سوغۇق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشنى كونترول قىلىشى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاز مىقداردا، كۆپ قېتىم سۇ ئىچىپ، بەدەنگە كېرەكلىك سۇ تەركىبىنى تولۇقلىشى، يېمەك- ئىچمەكنىڭ تەڭپۇڭ، ئوزۇقلۇقنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا دىققەت قىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. يۇقىرى ھاۋا تېمپېراتۇرىسىدا مەشغۇلات قىلىدىغان كىشىلەر كۆپ تەرلىگەچكە، بەدەندىكى ناترىي، كالىي، سۇدا ئېرىشچان ۋىتامىن قاتارلىقلار كۆپ مىقداردا يوقاپ كېتىدۇ، شۇڭا ۋاقتىدا سۇ ۋە ئانورگانىك تۇزلارنى تولۇقلاش ھەمدە بېلىق گۆشى، تۇخۇم، سۈت، پۇرچاق قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل ۋە كالىي، C ۋە B تۈردىكى ۋىتامىنلار مول بولغان مېۋە- كۆكتاتلارنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ، يۇقىرى ھاۋا تېمپېراتۇرىسىدا مەشغۇلات قىلغاندا خورىغان ئېنېرگىيە ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلىشى كېرەك.

 تاماق يېيىشتىن بۇرۇن قول يۇيۇش، قازان- قومۇچ، قاچا- قۇچىلارنىڭ تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش، ئايرىم قاچىلاردا تاماق يېيىشنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك. خام ئىستېمال قىلىنىدىغان كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ئىلگىرى سۇغا يېتەرلىك چىلاپ، پاكىز يۇيۇپ ئىستېمال قىلىش، ئەڭ ياخشىسى پوستىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن ئىستېمال قىلىش كېرەك. ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى مەزگىلدە سالقىنلىقنى زىيادە قوغلىشىشقا بولمايدۇ، سوغۇق ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىچمەسلىك، تۇرۇبا سۈيىنى قايناتماي تۇرۇپ ئىچمەسلىككە دىققەت قىلىش كېرەك.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125