شىنجاڭدىكى بۇ ئايرودۇرۇملارنىڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە يېڭى ئۆزگىرىش بولدى، قېنى كۆرۈپ بېقىڭ
01:12:24 2024-07-26 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئاقسۇ باشقۇرۇش تارماق شىركىتى

8- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇ خۇڭچىپو ئايرودۇرۇمى ئاقسۇ- لەنجوۋ قىزىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ئايروپىلان نۆۋىتىنى زىچلاشتۇرىدۇ، ھەر سەيشەنبە، پەيشەنبە ئۇچۇشنى ئىجرا قىلىدۇ. بېرىشتا 9C6911 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 7دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە لەنجوۋدىن ئۇچۇپ، سائەت 10دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە ئاقسۇغا يېتىپ بارىدۇ. قايتىشتا 9C6912 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 11دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە ئاقسۇدىن ئۇچۇپ، سائەت 14تىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە لەنجوۋغا يېتىپ بارىدۇ.

8- ئاينىڭ 1- كۈنى، خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى ئاقسۇ- يەكەن- خوتەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، ھەر كۈنى بىر نۆۋەت ئۇچۇشنى ئىجرا قىلىدۇ، بېرىشتا G54363 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 17دە ئاقسۇدىن ئۇچۇپ، سائەت 17دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە يەكەنگە يېتىپ بارىدۇ؛ سائەت 18دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە يەكەندىن ئۇچۇپ، سائەت 19دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە خوتەنگە يېتىپ بارىدۇ. قايتىشتا G54364 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 20دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە خوتەندىن ئۇچۇپ، سائەت 21دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە يەكەنگە يېتىپ بارىدۇ، سائەت 21دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە يەكەندىن ئۇچۇپ، سائەت 22 دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە ئاقسۇغا يېتىپ بارىدۇ. (سۈرەت\خەۋەر: يۈ چيەن)

قاراماي گۇخەي ئايرودۇرۇمى

7- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن باشلاپ، قاراماي گۇخەي ئايرودۇرۇمى «لەنجوۋ- قاراماي» بېرىش- كېلىش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە چۇنچيۇ ئاۋىياتسىيەسى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ، سائەت 18دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە لەنجوۋدىن ئۇچۇپ، سائەت 21دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە قارامايغا يېتىپ بارىدۇ؛ سائەت 22دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە قارامايدىن ئۇچۇپ، ئەتىسى سائەت 1دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە لەنجوۋغا يېتىپ بارىدۇ. بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلغاندىن كېيىن، يولۇچىلار قارامايدىن لەنجوۋغا ئۈچ سائەتتىلا يېتىپ بارىدىغان بولدى، ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئاز دېگەندە تۆت سائەت تېجەلدى. (سۈرەت\خەۋەر خۇ چېنبو)

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125