مۇسابىقە قېيىقى ماھىرى ئادىلجان سۇلتان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئاتلاندى
12:14:27 2024-07-26 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئائىلىسىدىكىلەر سىن ئارقىلىق مەدەت بەردى

 7- ئاينىڭ 24- كۈنى، ئاقسۇ شەھىرىدە، مۇسابىقە قېيىقى ماھىرى ئادىلجان سۇلتاننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر سىن ئارقىلىق پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان ئادىلجانغا مەدەت ۋە ئىلھام بەردى. ئادىلجان سۇلتان پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مۇسابىقە قېيىقى ئەرلەر ئىككى كىشىلىك جۈپ پالاقلىق تۈرى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ.

 ئادىلجان سۇلتان ئاقسۇ شەھىرى ئىگەرچى بازىرى لۈشۇي كەنتىدە تۇغۇلغان، بۇ يىل 24 ياشتا، سۇ ئۈستى تەنھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا ئالتە يىل بولدى. بۇلتۇر خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە قېيىقى ئەرلەر تۆت كىشىلىك جۈپ پالاقلىق تۈرى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، ئۇ باشقا ئۈچ سەپدىشى بىلەن بىرلىكتە چېمپىيون بولدى.

ئادىلجان سۇلتان (ئوڭدىن بىرىنچى) سەپداشلىرى بىلەن خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مۇسابىقە قېيىقى ئەرلەر تۆت كىشىلىك جۈپ پالاقلىق تۈرى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى. (شەنشى گېزىتى)

 2018- يىلى، شەنشى سۇ ئۈستى تەنھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى شىنجاڭغا ئىختىساسلىقلارنى تاللاشقا كەلدى، شىنجاڭلىق تۆت يىگىت شەنشىگە ئېلىپ بېرىلىپ، مۇسابىقە قېيىقى مەشىقى قىلدى، ئادىلجان دەل شۇلارنىڭ بىرى.

 جاپالىق مەشىق قىلىش ئارقىلىق، ئادىلجان بىر مۇنەۋۋەر مۇسابىقە قېيىقى تەنھەرىكەتچىسىدە بولۇشقا تېگىشلىك ساپاسىنى تەدرىجىي نامايان قىلدى. ئۇ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 2019- يىللىق مەملىكەتلىك 2- نۆۋەتلىك ياشلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مۇسابىقە قېيىقى ئەرلەر تۆت كىشىلىك جۈپ پالاقلىق مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مېدالغا، 2020- يىللىق مەملىكەتلىك مۇسابىقە قېيىقى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە مىس مېدالغا، 14- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مۇسابىقە قېيىقى ئەرلەر تۆت كىشىلىك جۈپ پالاقلىق تۈرىدە 4- لىككە ئېرىشتى.

 2021- يىلى 10- ئايدا، ئادىلجان دۆلەتلىك مۇسابىقە قېيىقى كوماندىسىغا كىرىپ، پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلدى. ئارقىدىن، يەنە 2022- يىللىق مۇسابىقە قېيىقى دۇنيا لوڭقىسى ئومۇمىي جەملىمە نومۇر مۇسابىقىسىدە چېمپىيون، 2022- يىللىق مەملىكەتلىك مۇسابىقە قېيىقى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر تۆت كىشىلىك جۈپ پالاقلىق تۈرىدە چېمپىيون، 2023- يىللىق مەملىكەتلىك مۇسابىقە قېيىقى ئەتىياز پەسىللىك چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر تۆت كىشىلىك جۈپ پالاقلىق تۈرىدە چېمپىيون بولدى.

 (ئاقسۇ ياخشى جاي، خۇاشاڭ گېزىتىدىن ئومۇملاشتۇرۇلدى)

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125