2024- يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىلدى
10:20:44 2024-07-26 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ) 7- ئاينىڭ 24- كۈنى، 2024- يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، خىزمەتلەر خۇلاسىلەندى، كەمتۈكلۈكلەر تېپىپ چىقىلدى، كېيىنكى يېرىم يىللىق شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ جيەنشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، سۈن خۇڭمېي رىياسەتچىلىك قىلدى.

 يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى يىللىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، سىستېمىلىق پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، كاپالەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتتى.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، 2024- يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە ئىش تەقسىماتى لايىھەسىنى چۆرىدەپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇش؛ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈچەپ جەمئىيەت قاتلىمىدا جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئاساسىي رېڭىنى تەپسىلىي بايان قىلىش؛ كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ ھەر مىللەت ئاممىنى توغرا تارىخ قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش؛ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى مائارىپىنى سىجىل كۈچەيتىش؛ زامانىۋى مەدەنىيلىك يېڭى كەيپىياتىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈش ۋە بېيىتىش؛ ئەدەبىيات- سەنئەت نادىر ئەسەرلىرى ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئاممىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش؛ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ساياھەتچىلىكنى ئېچىۋېتىش سالمىقىنى زورايتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125