ئەركىن تۇنىياز لاتۋىيە دىپلوماتى ۋە خەنشۇناس پېتېرىس بىلەن كۆرۈشتى
10:23:57 2024-07-26 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى ياڭ) 7- ئاينىڭ 24- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە شىنجاڭغا ئېكسكۇرسىيە- زىيارەتكە كەلگەن لاتۋىيە داشۆ كۇڭزى شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى، لاتۋىيەنىڭ نوپۇزلۇق دىپلوماتى، خەنشۇناس پېتېرىس ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

 ئەركىن تۇنىياز مۇنداق بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتى، نۆۋەتتە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدا جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم بولدى، ئىقتىساد يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلاندى، ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال- خۇرام ئىشلەۋاتىدۇ. ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدىكى بەزى كۈچلەر شىنجاڭ توغرىسىدىكى يالغان- ياۋىداق بىمەنە سەپسەتىلەرنى قايتا- قايتا كۆپتۈردى، غەرىزى ئۆزلىرىنىڭ «شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگونى توسۇش» سۇيىقەستىنى ئىشقا ئاشۇرۇش. جۇڭگو شىنجاڭنىڭ دەرۋازىسى باشتىن- ئاخىر پۈتۈن دۇنياغا ئېچىۋېتىلگەن، پېتېرىس ئەپەندىنىڭ شىنجاڭدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرىنى لاتۋىيەنىڭ سىياسىي ساھەسى ۋە خەلق ئاممىسىغا تونۇشتۇرۇپ، خەلقئارادا جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە ھەقىقىي شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك ئوبيېكتىپ تونۇشتۇرۇشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو شىنجاڭ لاتۋىيە بىلەن ئىقتىساد- سودا، مەدەنىيەت، پەن- تېخنىكا، مائارىپ، ساياھەت قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

 پېتېرىس مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە- زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا مىسلىسىز ئىلگىرىلەشنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. رولۇمنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ جۇڭگو شىنجاڭنى تونۇشى ۋە چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىمەن.

 لاتۋىيە داشۆ كۇڭزى شۆيۈەنىنىڭ جۇڭگو تەرەپ مۇدىرى خې دۇڭ ۋە رەپىقىسى، قەيسەر ئابدۇكېرىم، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125