يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت دەۋر بۇرچىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىش كېرەك
10:26:49 2024-07-26 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى مەسئۇل ساھەدە پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى

يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت دەۋر بۇرچىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىش كېرەك

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلار يەن شياۋتيەن، جاڭ لېي، ۋاڭ نا) يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى مەسئۇل ساھەدە پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ئومۇمىي يىغىن روھىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشتى.

 تيەن شياڭلى ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى تەشۋىق قىلىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، مەۋقەنى مەسئۇلىيەت ئورنىغا قويۇپ، بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى توغرىسىدىكى يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپلىرىنى دەل جايىدا ئىگىلىشى ۋە ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالىنى سىياسىي جەھەتتىن نازارەت قىلىش، كۈندىلىك نازارەت قىلىش، مەخسۇس تەكشۈرۈش، كۆزىتىش- تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنىغا كىرگۈزۈش كېرەك. ئىسلاھات روھى ۋە قاتتىق ئۆلچەم بىلەن پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئىنتىزامنى ئۆگىنىش، ئىنتىزامنى بىلىش، ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، ئىنتىزامغا بويسۇنۇش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى سىجىل چوڭقۇر تۈزەپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇشىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىسلاھاتتىكى تەشەببۇسكارلىق ۋە ئاڭلىقلىقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ بۆسۈش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، خىزمەتنىڭ قېلىپلىشىش، قانۇنچىللىشىش، مۇنتىزملىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

 يۈسۈپجان مەمەت مەسئۇل بولۇپ باشقۇرىدىغان تارماقلار ۋە ئالاقىلىشىدىغان ئورۇنلارنىڭ پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئەينەن ئۆگىنىپ، ئومۇميۈزلۈك سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، روھىي ماھىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئىگىلەش كېرەك. ئومۇمىي يىغىن «قارار»ىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قاتار مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرلىرى بىزنىڭ خىزمىتىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، بۇ ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدىن تونۇپ ۋە ئىگىلەپ، شىنجاڭ خىزمىتى، بولۇپمۇ ھەرقايسى كەسىپ، ساھەلەرنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، تەلەپكە توغرىلىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، بازار ئىگىلىكى ئاساسىي تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، «ئىككىدە قەتئىي تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىقتىساد بىلەن رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تاكامۇللاشتۇرۇش، كەسىپ زەنجىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى تاكامۇللاشتۇرۇش، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش، رايونلارنى ئېچىۋېتىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىسلاھات يۆنىلىشىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

 ئېلزات ئەخمەتجان ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم ئىشلىرى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان «قارار» يېڭى مۇساپىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، باش نىشانى، مۇھىم پىرىنسىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىرلىك سەپ سىستېمىسىدىكى ھەرقايسى ئورۇنلار چوڭقۇر ئۆگىنىپ، روھىي ماھىيىتىنى چۈشىنىش، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئىگىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى، بولۇپمۇ چوڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئالاقىدار ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى قەلبكە سىڭدۈرۈپ، كاللىغا سىڭدۈرۈپ، ئەتراپلىق ئىگىلىشى كېرەك. كەڭ تەشۋىق قىلىپ، بىرلىك سەپ سىستېمىسىدىكى تاراتقۇ سۇپىلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بىرلىك سەپ كادىرلىرى ۋە بىرلىك سەپ ئەزالىرىنى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىتىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى يەنىمۇ چىڭىتىشقا يېتەكلەش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، تەلەپكە توغرىلىنىپ، يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، بىرلىك سەپ ساھەسىدە ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىرلىك سەپ كۈچىنى قوشۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125