قاتناش- تىرانسپورت مىنىستىرلىقى 7- ئاينىڭ 26- كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2024- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، دۆلىتىمىزدە رايون ھالقىغان خادىم يۆتكىلىش مىقدارى 32 مىليارد 410 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.4 ئاشقان. تىجارەت خاراكتېرلىك يۈك توشۇش مىقدارى 26 مىليارد 990 مىليون توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.1 ئاشقان، مەملىكەت بويىچە پورتلارنىڭ مال كىرگۈزۈش- چىقىرىش مىقدارى 8 مىليارد 560 مىليون توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.6 ئاشقان، قاتناش مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى 1 تىرىليون 700 مىليارد يۈەن بولغان.
پايدىلانغان مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)