ئالدىنقى يېرىم يىلدا شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلاندى
10:33:15 2024-07-26 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.4 ئاشتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر گاۋ فېڭ) رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى بىرتۇتاش ھېسابلاش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭ ئىشقا ئاشۇرغان رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 921 مىليارد 140 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.4 ئاشقان. بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى 7- ئاينىڭ 24- كۈنى ئۆتكۈزگەن ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇمات.

 ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى خاۋ جۈنچىڭ مۇنداق دېدى: «بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون <بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن>نى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى <سەككىز چوڭ كەسىپ توپى>غا مەركەزلەشتۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، تەرەققىيات ۋەزىيىتى پائال ياخشىلاندى».

 ئۈچ كەسىپنىڭ ئېشىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، يازلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، چارۋىچىلىق كەسپىدە سېتىپ چىقىرىش بىر قەدەر تېز ئاشقان؛ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ تىرىكى كۈچلۈك بولغان؛ مۇلازىمەت كەسپى داۋاملىق ئەسلىگە كېلىپ، قاتناش، يولۇچى تىرانسپورتى تېز ئاشقان. 1- كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 58 مىليارد 11 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.3 ئاشقان؛ 2- كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 391 مىليارد 297 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9 ئاشقان؛ 3- كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 471 مىليارد 832 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3 ئاشقان.

 سېلىنما، ئىستېمالنىڭ تۈرتكە بولۇش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، سېلىنما كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيگەن، نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ تۈرتكىسى كۈچلۈك بولغان، يېڭى ئېنېرگىيە تۈرلىرىگە سېلىنغان مەبلەغ مۇقىم ئاشقان؛ ئىستېمال بازىرى مۇقىم يۈرۈشۈپ، تور ئىستېمالى سىجىل جانلانغان. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايون بويىچە مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى (دېھقان ئائىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.7 ئاشقان؛ ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 174 مىليارد 166 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.2 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى 1- پەسىلدىكىدىن 0.6 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىگەن.

 ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى كۆرسەتكۈچلىرى سىجىل ياخشىلانغان. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاھالىلەر ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى (CPI) بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.1 تۆۋەنلىگەن بولۇپ، تۆۋەنلەش نىسبىتى 1- پەسىلدىكىدىن 0.4 پىرسەنت پوئېنت تارايغان؛ 3- ئايدىن باشلاپ CPI سىجىل ئۆرلەشكە باشلىغان بولۇپ، 4- ئايدا مەنپىيدىن مۇسبەتكە ئۆزگەرگەن ھەم ئۆرلەش نىسبىتى سىجىل كېڭەيگەن. يېمەكلىك ۋە ئېنېرگىيە باھاسىنى چىقىرىۋەتكەندىكى يادرولۇق CPIدا بىر قەدەر تېز ئۆرلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلۈپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.4 ئاشقان. ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاپتونوم رايون بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 12 مىڭ 192 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن نامدا %7.2 ئاشقان، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە ئەمەلىيەتتە %7.3 ئاشقان.

 خاۋ جۈنچىڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125