ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12- يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
10:36:20 2024-07-26 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ لېي) 7- ئاينىڭ 24- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12- يىغىنى ئۈرۈمچىدە 1- ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 57 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، بۇ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

 يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 12- يىغىنىنىڭ قارالمىلىرى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى؛ ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر- بازار تۇرمۇش ئەخلىتىنى باشقۇرۇش نىزامى لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات، ئاپتونوم رايوننىڭ زەھەر چەكلەش نىزامى لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھات، ئاپتونوم رايوننىڭ پۇقرالار تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھات، ئاپتونوم رايوننىڭ سۈپەتنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھات، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى سەنداۋلىڭ بازىرى، ئارال شەھىرى يۇڭنىڭ بازىرىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمىنىڭ ۋاقتى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى ھەققىدىكى ئىزاھاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 2024- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، 2024- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئاپتونوم رايوننىڭ خامچوتنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، 2023- يىللىق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نەق چوت توغرىسىدىكى دوكلاتى، 2023- يىللىق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك خامچوتنىڭ ئىجراسى ۋە باشقا مالىيە كىرىم- چىقىمىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى، 2024- يىللىق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك خامچوتنى تەڭشەش لايىھەسىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2023- يىللىق قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش قانۇنى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان 2024- يىللىق تىيانشان مۇھىت قوغداش سەپىرى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، تۈرمە قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەنلىك توغرىسىدىكى دوكلاتى، يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى قانۇنى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەنلىك توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئالىي مائارىپ قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەنلىك توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قانۇنى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەنلىك توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى رېۋىزىيە ۋە ئەدلىيە كومىتېتى، مىللەت- دىن- تاشقى ئىشلار- خۇاچياۋلار كومىتېتىنىڭ ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى قاراپ چىقىشقا تاپشۇرغان ۋەكىللەر بەرگەن تەكلىپلەرنى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ كادىرلارنى تەيىنلەش- قالدۇرۇش ئىشلىرى توغرىسىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن ۋاڭ مىڭشەن، لى نىڭپىڭ، توختى ياقۇپ، پىڭ شىنلەي، ۋاڭ گوخې، باش كاتىپ مۇتەللىپ روزى يىغىنغا قاتناشتى.

 ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قەيسەر ئابدۇكېرىم، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125