«بىر خىزمەت كۈنىدىلا تىجارەت كىنىشكىسىنى ئالدىم»
10:39:58 2024-07-26 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سو رۇڭجى) 7- ئاينىڭ 24- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونلۇق(تۇدۇڭخابا رايونلۇق) ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت زالىدا، ئەن كاڭ خىزمەتچى خادىمنىڭ قولىدىن يېڭىدىن بېجىرگەن تىجارەت كىنىشكىسىنى ئالدى، «مەن پەقەت بىر قېتىملا كېلىپ، بىر خىزمەت كۈنىدىلا تىجارەت كىنىشكىسىنى ئالدىم».

 7- ئاينىڭ 23- كۈنى، ئەن كاڭ شىنجاڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت تورىغا كارخانا قۇرۇشقا كېرەكلىك ماتېرىياللارنى يوللىدى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ماتېرىيال ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونلۇق (تۇدۇڭخابا رايونلۇق) بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ توردا تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ تىجارەت كىنىشكىسىنى ئېلىۋېلىش توغرىسىدىكى قىسقا ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالدى. ئىككى يىل ئىلگىرىكى تۇنجى شىركىتى ئۈچۈن تىجارەت كىنىشكىسى بېجىرىش كەچۈرمىشىگە سېلىشتۇرغاندا، ئەن كاڭنىڭ ئەڭ چوڭ تەسىراتى «ئۈنۈمنىڭ بارغانسېرى ئاشقانلىقى» بولدى.

7- ئاينىڭ 24- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونلۇق (تۇدۇڭخابا رايونلۇق) ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت زالىدا، بىر كارخانا ۋەكىلى تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ رەسمىي ۋە قوشۇمچە نۇسخىسىنى ئالماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سو رۇڭجى فوتوسى

  مۇخبىر ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت زالىنىڭ بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش كۆزنىكىدە كەسىپ بېجىرگىلى كەلگەنلەرنىڭ ناھايىتى ئاز ئىكەنلىكىنى بايقىدى. خىزمەتچى خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسى توردا يوللىنىدىغان بولۇپ، ئاممىنىڭ نەق مەيدانغا كېلىپ تاپشۇرۇشى ھاجەتسىز ئىكەن. ئاپتونوم رايوننىڭ بىر گەۋدىلەشكەن ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىسىغا تايىنىپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 100 ئەتراپىدا كارخانا قۇرۇش، ئۆزگەرتىش، تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش قاتارلىق كەسىپلەرنى تەكشۈرىدىكەن. ئەگەر چوڭ سانلىق مەلۇمات تېخنىكا تىرىكى بولمىسا، بۇنداق يۇقىرى ئۈنۈمنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدىكەن.

 پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا، بازار مېخانىزمىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە بازار مۇھىتى يارىتىش شەرت، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «كارخانا قۇرۇش − تىجارەت سۇبيېكتىنىڭ بازارغا كىرىشتىكى تۇنجى قەدىمى، شۇنداقلا تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق ھالقا.» ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى تىزىملاش- ئەنگە ئېلىش باشقارمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇلتۇر، شىنجاڭ «كارخانا قۇرۇش ئىشى»دا رايون- بۆلەك زەنجىرى تېخنىكىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ قوللىنىشنى قانات يايدۇرۇپ، «كارخانا قۇرۇش» سانلىق مەلۇماتىنى زەنجىر ئارقىلىق يەتكۈزۈپ، ھەرقايسى ئىشلارنى بېجىرىش نەتىجىسىنى رايون- بۆلەك زەنجىرى سۇپىسى ئارقىلىق بىرتۇتاش قوبۇل قىلىش سۇپىسىغا قايتما ئىنكاس قىلىپ، كارخانا قۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ئۈنۈمىنى «ئۈچ كۈندە بېجىرىپ بولۇش»تىن «شۇ كۈنى بېجىرىپ بولۇش»قا ئۆستۈردى. بۇلتۇر 8- ئايدا، بۇ خىزمەت دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتىكى تىپىك مىسالى قاتارىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تاللاپ كىرگۈزۈلدى.

 كارخانا قۇرۇش رەسمىيىتىنى شۇ كۈنى بېجىرىپ بولۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى قوللاندى: ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت زالىدا ئەركىن سودا سىناق رايونىدىكى كارخانىلار مەخسۇس كۆزنىكى (رايونى) تەسىس قىلىپ، مەخسۇس ئىش ئورنى تەسىس قىلىپ، كارخانىلارنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى بېجىرىشىگە پۈتۈن مۇساپىلىك ياردەم بەردى، مەخسۇس كۆزنەك (رايون)تە كارخانا قۇرۇشتا «بىر ئىشنى بىر قېتىمدىلا بېجىرىش»نى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدا كەسىپ تەرتىپىنىڭ ھەربىر ھالقىسىدىكى مەسئۇلىيەت ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، كارخانا قۇرۇشتىكى ماتېرىيال تەكشۈرۈش ئۈنۈمى ئەڭ زور چەكتە ئۆستۈرۈلىدۇ. «بالدۇر ئىشقا چىقىش، كېيىن ئىشتىن چۈشۈش، چۈشتە نۆۋەتلىشىپ ئىشلەش»تەك جانلىق خىزمەت ۋاقتى قوللىنىلىپ، ئاممىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجى قاندۇرۇلىدۇ.

 ھازىرغىچە، ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دا تىزىمغا- ئەنگە ئېلىنغان تىجارەت سۇبيېكتى 67 مىڭ 823، بۇنىڭ ئىچىدە، بۇ يىل 1- ئايدىن ھازىرغىچە تىزىمغا- ئەنگە ئېلىنغان تىجارەت سۇبيېكتى 6980 بولۇپ، %75 تىجارەت سۇبيېكتىنىڭ كارخانا قۇرۇش رەسمىيىتىنى شۇ كۈنى بېجىرىپ بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125