تۇرۇبا يولى توسۇلۇپ قالسا، ئۆي- جاي مۇلازىمىتى شىركىتى سۇ كىلاپانىنى ئېچىپ، ئۆي ئىگىسىنىڭ ئۆيىنى سۇ بېسىپ كەتسە كىمنىڭ سەۋەنلىكى بولىدۇ؟
17:17:49 2024-07-31 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ۋاڭ يۈخەن سىزغان

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شيۇ، ئىختىيارىي مۇخبىر ماۋ يۈ، لى ۋېنشىن

ئۆيدىن سۇ ئېقىپ كەتسە ئادەم ئەسلىدىلا پەرىشان بولىدۇ، ئويلىمىغان يەردىن ئۆي- جاي مۇلازىمىتى شىركىتى سۇ كىلاپانىنى ئېچىۋەتكەنلىكتىن، ئۆينى سۇ بېسىپ كېتىپ زىياننى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى. يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق چېن خانىم مۇشۇنداق ئىش سەۋەبىدىن پاراكەندە بولۇپ، ئۆي- جاي مۇلازىمىتى شىركىتى ئۈستىدىن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇندى.

2023- يىلى 2- ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى سەھەردە، چېن خانىم ئاشخانىدىكى سۇ كۆلچىكىدىن سۇ يېنىشقا باشلىغانلىقىنى بايقاپ، دەرھال ئۆي- جاي مۇلازىمىتى شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرىگە ئەھۋالنى ئىنكاس قىلغان، لېكىن كېچە بولغاچقا، ئۆي- جاي مۇلازىمىتى شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى جاۋاب قايتۇرمىغان.

شۇ كۈنى ئەتىگەندە، چېن خانىم ئۆي- جاي مۇلازىمىتى شىركىتى بىلەن يەنە بىر قېتىم ئالاقىلەشكەن. ئۆي- جاي مۇلازىمىتى شىركىتى ئادەم ئەۋەتىپ تەكشۈرۈپ، يۇندى يولى توسۇلۇپ قالغان دەپ بېكىتىپ، كەسپىي خادىملارنى تەكلىپ قىلىپ رېمونت قىلدۇرماقچى بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئۆي- جاي مۇلازىمىتى شىركىتى چېن خانىم تۇرۇشلۇق بىنانىڭ سۇ كىلاپانىنى ئېتىۋەتكەن ھەم ۋېيشىن توپىدا ئۆي ئىگىلىرىگە ئۇقتۇرۇش قىلغان.

چۈش بولغاندا سۇ تۇرۇبىسى تېخى رېمونت قىلىنمىغاچقا، شۇ بىنادىكى باشقا ئۆي ئىگىلىرى سۇ كىلاپانىنى ئېچىشنى تەلەپ قىلغان. ئۆي- جاي مۇلازىمىتى شىركىتى باشقا ئۆي ئىگىلىرىنىڭ سۇ ئىشلىتىشىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، سۇ كىلاپانىنى ئېچىشنى قارار قىلغان. ئەمما سۇ كىلاپانى ئېچىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، زور مىقداردىكى پاسكىنا سۇ چېن خانىمنىڭ ئۆيىگە ئېقىپ كىرگەن. سۇ ئىككى سائەت ئاققاندىن كېيىن، ئاندىن سۇ كىلاپانى ئېتىۋېتىلگەن. ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاندىن سۇ تۇرۇبىسى رېمونت قىلىنغان.

گەرچە چېن خانىم ئائىلىسىدىكىلەر ئۆينى ۋاقتىدا تازىلىغان بولسىمۇ، لېكىن بىر قىسىم ئۆي جاھازلىرى، پول چىرىپ كەتكەن. چېن خانىم ئۆي- جاي مۇلازىمىتى شىركىتىنىڭ ناھايىتى چوڭ مەسئۇلىيىتى بار دەپ قاراپ، شىركەت بىلەن تۆلەم تۆلەش توغرىسىدا مەسلىھەتلەشكەن. ئىككى تەرەپنىڭ ئىختىلاپى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئامالسىز بۇ يىل 4- ئايدا، چېن خانىم ئۆي- جاي مۇلازىمىتى شىركىتى ئۈستىدىن ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ، تۈرلۈك زىيانلار ئۈچۈن جەمئىي 29 مىڭ يۈەن تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

«مېنىڭچە، ئۆي- جاي مۇلازىمىتى شىركىتى بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئۇلار سۇ تۇرۇبىسىنىڭ توسۇلۇپ قالغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنىلا سۇ كىلاپانىنى ئېچىپ نۇرغۇن پاسكىنا سۇنىڭ بىزنىڭ ئۆيگە ئېقىپ كىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە رېمونتچىلار سۇ تۇرۇبىسىدا تۇرمۇش ئەخلىتىدىن باشقا يەنە تاش بارلىقىنى بايقىدى، بۇ ئۆي- جاي مۇلازىمىتى شىركىتىنىڭ كۈندىلىك باشقۇرۇش، ئاسراش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ»، دەپ بايان قىلدى چېن خانىم سوتتا غەزەپلەنگەن ھالدا.

«سۇ تۇرۇبىسىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشى ئۆينى سۇ بېسىپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، چېن خانىم باشقا ئۆي ئىگىلىرىنى بۇ دېلودىكى ئورتاق جاۋابكار قىلىپ قوشۇشى كېرەك». ئۆي- جاي مۇلازىمىتى شىركىتىنىڭ ۋاكالەتچىسى ئۆزىنى ئاقلاش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىپ مۇنداق دەپ قارىدى: چېن خانىمنىڭ ئاشخانىسىدىن سۇ چىقىپ كېتىشى يەر ئاستى تۇرۇبا يولىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىدىن كېلىپ چىققان، ئۆي- جاي مۇلازىمىتى شىركىتى تۇرۇبا يولىنىڭ توسۇلۇپ قېلىپ رېمونت قىلىنمىغانلىقىنى، سۇ كىلاپانىنى ئاچقاندا كۆپ مىقداردا سۇ چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، يەنە بىر قېتىم سۇ كىلاپانىنى ئاچقان، شىركەتنىڭ قىلمىشى ئۆيدىن يەنە بىر قېتىم سۇ چىقىپ پول، ئۆي جاھازلىرىنىڭ چىرىپ زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىۋاسىتە سەۋەب. يىغىپ ئېيتقاندا، بۇ دېلودا چېن خانىمنىڭ ئۆيىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى «كۆپ سەۋەب كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر نەتىجە»، تۇرۇبا يولىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشى ئۆينىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىكى ئاساسىي سەۋەب، ئۆي- جاي مۇلازىمىتى شىركىتىنىڭ سۇ كىلاپانىنى ئېچىش قىلمىشى ئۆينىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىكى بىۋاسىتە سەۋەب. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆي- جاي مۇلازىمىتى شىركىتىنىڭ ئورتاق ئىشلىتىدىغان ئەسلىھە- ئۈسكۈنىلەرنى ئاسراش، رېمونت قىلىش، باشقۇرۇش مەجبۇرىيىتى بار.

«تۇرۇبا يولى توسۇلۇپ قېلىش جاۋابكارلىقىنى شۇ بىنادىكى ئاممىۋى تۇرۇبىنى ئورتاق ئىشلىتىدىغان ئۆي ئىگىلىرى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، سىز ئۇلارنى بۇ دېلودىكى ئورتاق جاۋابكار قىلىپ قوشامسىز؟»، سوت مەھكىمىسى چېن خانىمغا قانۇننى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، ئۇ قوشمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى.

ئاخىرىدا سوت مەھكىمىسى بۇ دېلونىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ھەم جاۋابكارنىڭ سەۋەنلىك دەرىجىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، جاۋابكار ئۆي- جاي مۇلازىمىتى شىركىتى دەۋاگەرنىڭ ئۆيىنىڭ زىيانغا ئۇچراش نەتىجىسىدە %70 تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، دەپ بېكىتتى. سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم چىقارغاندىن كېيىن ئىككى تەرەپ نارازىلىق ئەرزى سۇنمىدى، ھازىر بۇ ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولدى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125