ئاپتونوم رايوننىڭ 2024- يىلى ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى تەھلىل قىلىش يىغىنى ئېچىلدى
10:45:56 2024-07-26 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى ياڭ) 7- ئاينىڭ 24- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ 2024- يىلى ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى تەھلىل قىلىش يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، 3- پەسىلدىكى ئالتۇن مەزگىل، ئاچقۇچلۇق مەزگىلنى چىڭ تۇتۇپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، نىشانلىق ئىش كۆرۈپ، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ، پۈتۈن يىللىق نىشان- ۋەزىپىلەرنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

 يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى ئومۇميۈزلۈك تەكشى، مۇقىم بولۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن تېز ئەسلىگە كېلىش، سىجىل ياخشىلىنىش ھالىتى كۆرۈلدى. شىنجاڭ دۆلەتنىڭ زور ئىستراتېگىيەلىك پۇرسىتى بىلەن ئۆز ئەۋزەللىكىنى تېز سۈرئەتتە قويۇپ بېرىش گىرەلەشكەن ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، تەرەققىيات ئىستىقبالى تېخىمۇ كەڭ، سىياسەت ئۈنۈمى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى تېخىمۇ تولۇق، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشى تېخىمۇ كۈچلۈك. يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق بىلەن پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، دىققەتنى ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، پۇرسەتنى مەھكەم تۇتۇپ، ئەۋزەللىكتىن ياخشى پايدىلىنىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىپ، 3- پەسىللىك نىشان- ۋەزىپىلەرنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش، كۈزلۈك ئاشلىق تېرىش قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، چارۋىچىلىقنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاشقا تېز تۈرتكە بولۇش كېرەك. سانائەتنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، نېفىت- تەبئىي گاز، كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، توقۇمچىلىق، كىرېمنىينى ئاساس قىلغان نۇقتىلىق ئاچقۇچلۇق كەسىپلەرنى چىڭ كۆزلەپ، ئۈنۈملۈك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تولۇق قويۇپ بېرىش كېرەك. قۇرۇلۇۋاتقان چوڭ- چوڭ تۈرلەرنىڭ قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى قارارلىق خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، زاپاس تۈرلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كۈچەپ كېڭەيتىش كېرەك. تۈرلۈك چارە- ئاماللار بىلەن ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىپ، كەڭ كۆلەمدە ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ھەرىكىتىنى ياخشى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات مەزگىلىدىكى مۇلازىمەت كاپالىتى سالمىقىنى زورايتىپ، ساياھەت كەسىپ ھالىتىنى سىجىل بېيىتىپ، چېگرا ساياھىتىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىش كېرەك. «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، بىيو دورا ياساش، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى قاتارلىق ساھەلەردە پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، «ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا كۈچەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، تۈرلۈك چارە- ئاماللار بىلەن دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. قەتئىي تۈردە جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۇل مۇئامىلە، ئۆي- زېمىن، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ- خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كەلكۈن ئەھۋالى، سۇ ئەھۋالىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، ھەرمىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى تەھلىل قىلىش، ھۆكۈم قىلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشنى دائىملىق ياخشى ئىشلەپ، سىياسەت- تەدبىرلەرنى ۋاقتىدا تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇپ، رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تىجارەت- سودا مۇھىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەلالاشتۇرۇپ، سىجىل تۈردە ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.

 يىغىندا ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى، ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

 چېن ۋېيجۈن رىياسەتچىلىك قىلدى، يۈسۈپجان مەمەت، سۈن خۇڭمېي، شۆ بىن، ۋاڭ گاڭ، مەردان مۇقىيىت، جۇ لىفەن، باتۇ يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125