ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز
10:49:24 2024-07-26 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

− شىنجاڭدىكى ھەر ساھەدىكىلەر پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى قىزغىن مۇھاكىمە قىلدى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

 پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش − ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كاربون تۆۋەنلىتىش، بۇلغىما ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە پائال ھازىرلىق كۆرۈپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان تۈزۈلمە- مېخانىزملارنى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈش شەرت. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى.

 كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيە- مۇھىتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىغا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى ئالغا سىلجىتىدىغان قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى ئېكولوگىيە- مۇھىت يارىتىمىز.

 ھەممىلا يەردە ساپ ھاۋادىن نەپەس ئالالايدىغان بولۇش، بېشىنى كۆتۈرسىلا كۆك ئاسمان، ئاپئاق بۇلۇتلارنى كۆرەلەيدىغان بولۇش شەھەردە ئۇزاق يىل تۇرغان ھەربىر ئادەمنىڭ ئارزۇسى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيە- مۇھىت نازارىتى «ئۈرۈمچى- سانجى- شىخەنزە» «كۈيتۈن- مايتاغ- شىخو» ۋە ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، نۇقتىلىق كارخانىلاردا «بىر زاۋۇتتا بىر تەدبىر بولۇش» بويىچە بۇلغىنىشنى تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتىنىڭ مۇقىم ياخشىلىنىشىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

 «ئومۇمىي يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى ماڭىمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيە- مۇھىت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى تيەن فېڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيە- مۇھىت نازارىتى بۇلغىنىشنى دەل جايىدا، ئىلمىي، قانۇن بويىچە تۈزەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «ئۈرۈمچى- سانجى- شىخەنزە»، «كۈيتۈن- مايتاغ- شىخو»، ئىلى دەرياسى ۋادىسى رايونىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەشكە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەمدە ياخشى قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ھاۋا سۈپىتىنىڭ پۇختا قەدەمدە ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ ئارقىلىق ئېكولوگىيە- مۇھىتنى تۈزەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئېكولوگىيە- مۇھىت ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى پائال، پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئېكولوگىيە- مۇھىت ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولىدۇ.

 ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋۇ خۇڭجەن مۇنداق بىلدۈردى: ئاقسۇ ۋىلايىتى پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، كۆكيار روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «بەش 1 مىليون مولۇق» چۆللۈكنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئېكولوگىيە- مۇھىت ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولۇپ، ئاقسۇنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، يېرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك، مۇھىتىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىدۇ.

 شىنجاڭ مېيشېڭ كانچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ كاتابائاسۇ ئالتۇن (مىس) كېنى مەنزىرىسى سۈرەتتەك گۈزەل كۈنەس ناھىيەسى تەۋەسىگە جايلاشقان، بايلىق ئېچىش ۋە مۇھىت قوغداشقا قانداق قىلىپ تەڭ ئېتىبار بېرىش تۈر باشلىنىشى بىلەنلا نۇقتىلىق ئويلىشىدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى. شىركەت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ئىجرائىيە مۇدىر ۋاڭ فېڭ مۇنداق بىلدۈردى: كارخانىمىز «ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك بولۇش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىي قىلىش»نى نىشان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەسلىدىكى گېئولوگىيەلىك چارلاش باسقۇچىدا شەكىللەنگەن مۇھىت تەسىرىگە قارىتا پىلان بويىچە تۈركۈمگە بۆلۈپ يەر شەكلىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ھازىرقى باسقۇچتىكى تۈر قۇرۇلۇشى مەزگىلىدە بىر تەرەپتىن قۇرۇلۇش قىلىپ، بىر تەرەپتىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، كاندا ئوت- چۆپلەرنىڭ يېشىل، گۈللەرنىڭ خۇش پۇراق چېچىپ تۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كاتابائاسۇنى «ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر- سەنئەت تەرتىپى ئەڭ ئەلا، ئاپتوماتلىشىش دەرىجىسى ساھەدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، مۇھىت قوغداش بىلەن بايلىق ئېچىش ئىناق، تەڭ نەپ ئالىدىغان» چوڭ تىپتىكى زامانىۋىلاشقان يېشىل ساياھەت كېنى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە- مۇھىتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

 ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا، كونا رامكا ۋە قېلىپلارنى بۇزۇپ تاشلاشقا جۈرئەت قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇش ۋە تەرەققىيات پىكىر يولىدا يېڭىلىق يارىتىش كېرەك.

 «بىز زىچ بىرلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، سۇ ئېكولوگىيە- مۇھىتىنى قوغداشنى كۈچەيتىمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر جياۋ چۈەنشى مۇنداق دېدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى سۇچىلىق تارماقلىرى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى سۇچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىندا بېكىتىلگەن نىشان- ۋەزىپىلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. نۇقتىلىق ۋادىلارنىڭ ئېكولوگىيەسىنى تۈزەش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئۇلۇنگۇر كۆلى، ئايرىك كۆلى، ئېبنۇر كۆلى، باغراش كۆلى قاتارلىق نۇقتىلىق دەريا- كۆللەرگە ئېكولوگىيەلىك سۇ تولۇقلاشنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. دىققەتنى سۇ تېجەش، سۇنى كۆپەيتىش، سۇ ئامبارلىرىدىكى لاتقىلارنى تازىلاش قاتارلىق نۇقتىلىق تېمىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ بىرلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، سۇچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى يېڭى نەتىجىلەر ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ.

 ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى ئېكولوگىيەنى قوغداش- ئەسلىگە كەلتۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ۋاڭ جېنشى مۇنداق دېدى: ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق تارماقلىرى تارىم دەرياسى غول ئېقىنى، خوتەن دەرياسى ۋادىسى قاتارلىق بەش نۇقتىلىق رايوننىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش- ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈرىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، 1 مىليون 200 مىڭ مو ئورمان بىنا قىلىپ كۆكەرتىش، 4 مىليون 500 مىڭ مو قۇملاشقان يەرنى تۈزەشنى تىرىشىپ تاماملاپ، چۆللەشكەن، قۇملاشقان يەرلەر «قوش ئازىيىش»، بوستانلىقلار «قوش ئېشىش» نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ. كېرىيە ناھىيەسى، چەرچەن ناھىيەسى، ئاۋات ناھىيەسى، شايار ناھىيەسى، مەكىت ناھىيەسىدىن ئىبارەت تەكلىماكان قۇملۇقى ئەتراپىدىكى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەشتىكى بەش ئۈلگە تۈرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، مەملىكەت بويىچە چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشتىكى ئۆرنەك ۋە ئۈلگە بەرپا قىلىپ، گۈزەل جۇڭگوغا ھۆسن قوشىدۇ.

 «بايلىق ئايلانما تىپىدىكى كەسىپ سىستېمىسى ۋە كېرەكسىز، كونا ماددىي ئەشيالاردىن ئايلانما پايدىلىنىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.» شىنجاڭ ھاسىلىي بايلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش دىرېكتور چېن يۇڭ مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تاشلاندۇقلارنى يىغىۋېلىپ بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش يېڭى يولىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى مەھسۇلات، يېڭى ئەندىزىنى كېڭەيتىپ قوللىنىشنى تېزلىتىپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئېشىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كۆپ كۈچنىڭ ھاسىلىي بايلىق، يېشىل، تۆۋەن كاربون ئىشلىرىغا ئورتاق قاتنىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا ھەقىقىي ياخشى مېڭىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

 ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئاساسىي تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە- مۇھىتنى تۈزەش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

 7- ئاينىڭ 22- كۈنى، G0711 لىنىيەسى ئۈرۈمچى- لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى تىيانشان غالىبىيەت تونېلى قۇرۇلۇشى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، قۇرۇلۇش قىلىشتىن چىققان كېرەكسىز سۇ كۆپ قېتىم بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن قايتا يىغىۋېلىنىپ پايدىلىنىلىپ، قۇرۇلۇش قىلىشتىن چىققان كېرەكسىز سۇنى قويۇپ بەرمەسلىك ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

 «ھەم قۇرۇلۇشنى سان- سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا تاماملاش، ھەم ھۈنەر- سەنئەت تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىتنى ياخشى قوغداش كېرەك.» جۇڭگو قاتناش قۇرۇلۇشى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ ئۈرۈمچى- لوپنۇر تاشيولىPPP ھۆددە تۈرىنىڭ ئۈرۈمچى- لوپنۇر توپا قۇرۇلۇشى 5- بۆلەك تۈر بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ۋاڭ خېچى مۇنداق دېدى: بۇ تۈردە ئەڭ قاتتىق بولغان مۇھىت قوغداش تەدبىرىنى ئىجرا قىلىپ، مۇناسىپ تۈزۈلمە- مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ سۈزۈك سۇ، يېشىل تېغىنى ياخشى قوغداپ، قاتناش ساھەسىدىكى نۇقتىلىق تۈرنى ياخشى قۇرۇپ چىقىمىز.

 شىنجاڭ چارۋىچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئاكادېمىيە باشلىقى فېڭ دۇڭخې مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئەلا سۈپەتلىك چارۋا (ئۆي قۇشلىرى) مەھسۇلاتلىرى كەسىپ توپى قۇرۇلۇشىغا قويۇپ، چارۋىچىلىق پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ئىختىساسلىقلار، تېخنىكا ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوتلاق چارۋىچىلىقىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، تەبىئىي ئوتلاقنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، چارۋا نەسلىنى ياخشىلاش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك كۆپەيتىپ بېقىش، چارۋا ۋە ئۆي قۇشلىرىنىڭ قىغىنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق تېخنىكىلارنى توپلاشتۇرۇپ ئۈلگە كۆرسىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىقنى بىرلەشتۈرۈش، تېرىقچىلىق بىلەن باقمىچىلىقنى ئايلانما تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەندىزىسىنى كېڭەيتىپ، چارۋىچىلىقنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

 تارباغاتاي ۋىلايەتلىك ماددىي ئەشيالاردىن ھاسىلىي پايدىلىنىش چەكلىك شىركىتى تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى بىراك قىلىنغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى يىغىۋالىدىغان ۋە چۇۋۇيدىغان تۇنجى كارخانا. شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ يۈن مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋردىكى پۇقراۋى كارخانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېشىل ئايلانما تەرەققىيات ئىدىيەسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، كەسىپ تەرەققىياتى ۋە تېخنىكا دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش يۈزلىنىشىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، بىراك قىلىنغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى يىغىۋېلىش، چۇۋۇش ئۈنۈمى ۋە پايدىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مۇھىت قوغداش بىلەن ئاپتوموبىل مۇلازىمىتى ئېكولوگىيە كەسپىنىڭ ئورگانىك يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، بايلىقنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ تۈرگە ئايرىپ قايتا پايدىلىنىش سەۋىيەمىزنى ئۆستۈرۈپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

 (مۇخبىر ليۇ يى، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ جىلى، رايىدە، لى شىڭ، تويا، ۋاڭ يايۈن، ساۋ خۇا، كاڭ خاۋيەن، ما بويۈ، لۇ فېڭباۋ)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125