ئوقيا ئېتىش شەخسلەر رەتكە تۇرغۇزۇش مۇسابىقىسى باشلاندى، جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى شىنجاڭلىق ماھىر ئەن چىشۈەن تۇنجى قېتىم مەيدانغا چىقتى
13:29:00 2024-07-26 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

شۇ جاي ۋاقتى 7- ئاينىڭ 25- كۈنى، پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياللار ئوقيا ئېتىش مۇسابىقىسىنىڭ شەخسلەر رەتكە تۇرغۇزۇش مۇسابىقىسى پارىژ شەرەپلىك ھەربىيلەر ساناتورىيەسى مەيدانىدا باشلاندى، بۇ، جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى. جۇڭگو ماھىرلىرىدىن ياڭ شياۋلېي، لى جيامەن، ئەن چىشۈەن مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، رولىنى كارامەت ياخشى جارى قىلدۇردى. جۇڭگو ئاياللار كوماندىسى 1996 ھالقىلىق ئومۇمىي نەتىجە بىلەن كوللېكتىپ 2- بولۇپ، ئاياللار كوللېكتىپ مۇسابىقىسىنىڭ چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە ئوڭۇشلۇق كىردى.

ئاياللارنىڭ شەخسلەر رەتكە تۇرغۇزۇش مۇسابىقىسىگە جەمئىي 64 ماھىر قاتناشتى، ھەر بىر ماھىر 72 تال ئوقيا ئاتتى، نەتىجىگە ئاساسەن يەككىلەر مۇسابىقىسى ھەم كوللېكتىپ مۇسابىقىنىڭ رەت تەرتىپى ھەمدە شاللاش مۇسابىقىسىنىڭ گۇرۇپپىلارغا ئايرىلىشى بېكىتىلدى. قائىدىگە ئاساسەن، شاللاش مۇسابىقىسىدە بىرىنچى بولغان ماھىر 64- بولغان ماھىر بىلەن، ئىككىنچى بولغان ماھىر 63- بولغان ماھىر بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. شۇڭا ماھىرلارنىڭ رەتكە تۇرغۇزۇش مۇسابىقىسىدىكى نەتىجىسى قانچە ياخشى بولسا، شاللاش مۇسابىقىسىدىكى گۇرۇپپىلار ئىچىدە تېخىمۇ كۆپ تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەيدۇ.

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە جۇڭگو ماھىرلىرىنىڭ مۇسابىقىگە كىرىشىشى سەل ئاستا بولدى، بىراق تەڭشەلگەندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا مۇسابىقە ھالىتىگە كىردى. كەسكىن ئېلىشىش ئارقىلىق ياڭ شياۋلېي 673 ھالقىلىق نەتىجە بىلەن 3- ئورۇندا، لى جيامەن 9- ئورۇندا، ئەن چىشۈەن 26- ئورۇندا تۇردى.

پايدىلانغان مەنبە: خەلق گېزىتى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125