ئالدىنقى يېرىم يىلدا شىنجاڭ سىرتقا يەتكۈزگەن توك مىقدارى 59 مىليارد 274 مىليون كىلوۋات سائەت بولدى
19:14:51 2024-07-26 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر چېن چياڭۋېي) 7- ئاينىڭ 25- كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودىلىشىش مەركىزى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭ سىرتقا يەتكۈزگەن توك مىقدارى 59 مىليارد 274 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، كۈندە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن سىرتقا يەتكۈزگەن توك مىقدارى 327 مىليون كىلوۋات سائەت بولغان.

قۇمۇل شەھىرىدىكى بوغاز شامال، يورۇقلۇق ئېلېكتىر بازىسى. فېڭ ياڭ فوتوسى

 سىرتقا يەتكۈزگەن 59 مىليارد 274 مىليون كىلوۋات سائەت توك مىقدارى ئىچىدە، سىرتقا يەتكۈزگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك مىقدارى 21 مىليارد 174 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، سىرتقا يەتكۈزگەن ئومۇمىي توك مىقدارىنىڭ %35.72ىنى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2.72 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان. يەنى شىنجاڭ سىرتقا يەتكۈزگەن ھەر ئۈچ كىلوۋات توكنىڭ بىر كىلوۋاتتىن كۆپرەكى يېشىل توك ئىكەن. ئالدىنقى يېرىم يىلدا سىرتقا يەتكۈزگەن توك مىقدارى 6 مىليون 405 مىڭ 100 توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرنى ئاز كۆيدۈرگەنگە، 17 مىليون 293 مىڭ 900 توننا توننا كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى، 54 مىڭ 400 توننا گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىدى، 47 مىڭ 400 توننا ئازوت ئوكسىدىنى ئاز قويۇپ بەرگەنگە باراۋەر بولۇپ، شىنجاڭ سىرتقا يەتكۈزگەن يېشىل توك تەركىبى تېخىمۇ يېتەرلىك بولغان.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125