ئاپتونوم رايون يېڭىدىن ساياھەت ھاجەتخانىسى سېلىشنى مۇكاپاتلاش ۋە ئۇنىڭغا تولۇقلىما بېرىش ئۈچۈن 17 مىليون 100 مىڭ يۈەن مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئاجرىتىدۇ
13:26:14 2024-07-26 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ياۋ گاڭ) مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايون 17 مىليون 100 مىڭ يۈەن مەخسۇس تۈر مەبلىغىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېڭىدىن ساياھەت ھاجەتخانىسى سېلىشنى مۇكاپاتلاش ۋە ئۇنىڭغا تولۇقلىما بېرىشكە ئىشلىتىدىكەن.

 بۇ يىل شىنجاڭنىڭ ساياھەت مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش يىلى بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز مال باھاسى، ھاجەتخانا، ساياھەت ئۆمىكىگە ئىگە بولماسلىقتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ مەسىلىنى مەخسۇس تۈردە تۈزەشنى قانات يايدۇردى. بۇ يىل يېڭىدىن 171 يۈرۈش ھاجەتخانا سېلىش، 510 يۈرۈش كونا ھاجەتخانىنى ئۆزگەرتىپ سېلىش، 280 يۈرۈش قۇراشتۇرما كۆچمە ھاجەتخانىنى كۆپەيتىپ ياساش پىلانلاندى. 6- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە يېڭىدىن سېلىنىپ پۈتكەن ساياھەت ھاجەتخانىسى 93 يۈرۈشكە يەتتى، 69 يۈرۈش ھاجەتخانا ياسىلىۋاتىدۇ، 9 يۈرۈش ھاجەتخانىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق رەسمىيىتى بېجىرىلىۋاتىدۇ؛ كونا ھاجەتخانىدىن 459 يۈرۈشى ئۆزگەرتىلدى؛ كۆچمە ھاجەتخانىدىن 162 يۈرۈشى كۆپەيتىلدى (بۇنىڭ 61 يۈرۈشى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، 101 يۈرۈشى قۇراشتۇرۇلۇۋاتىدۇ)، 47 يۈرۈش ھاجەتخانىنىڭ سېتىۋېلىش ياكى ئىجارىگە بېرىش رەسمىيىتى بېجىرىلىۋاتىدۇ.

تىيانشان تېغى بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىدىكى ساياھەت ھاجەتخانىسىنىڭ ئىچكى كۆرۈنۈشى. تىيانشان تېغى بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى بىلەن تەمىنلىگەن سۈرەت

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125