يېقىندا، شەنشى سىفەن داشۆسى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: توردا ئېلان قىلىنغان شەنشى سىفەن داشۆسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋاڭ XXنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى قېلىپىدىن چىقىپ كېتىشكە چېتىلغان قىلمىشى توغرىسىدىكى ئۇچۇرغا مەكتەپ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەخسۇس خىزمەت بەنى قۇرۇپ، تېز سۈرئەتتە تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنى قانات يايدۇردى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ۋاڭ XXنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق كەسىپ ئەخلاقىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزۈپ، يامان تەسىر پەيدا قىلغانلىقى ئېنىقلاندى.
مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ دوتسېنت ئۇنۋانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئاسپىرانت يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسىلىق سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش، شەنشى سىفەن داشۆسىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ئىش ئورنىدا ۋەزىپە ئۆتەش سالاھىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، تەكلىپ قىلىش مۇناسىۋىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارار قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالاقىدار مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىغا ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا يوليورۇق سوراپ مەلۇمات يوللاندى، ھەمدە مەسىلە يىپ ئۇچى قانۇن بويىچە ئالاقىدار ئورگانلارغا ئىنكاس قىلىنىدۇ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)