تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسى ئۈرۈمچى- ئارال ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ
16:28:57 2024-07-26 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما يىنىڭ) 7- ئاينىڭ 26- كۈنىدىن باشلاپ، تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسى ئۈرۈمچى- ئارال ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىنى تېخىمۇ قولايلىق تاللاش بىلەن تەمىنلەيدۇ.

 بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسىنىڭ E191 تىپلىق ئايروپىلانى ئۇچۇشنى ئىجرا قىلىدۇ، ھەر ھەپتىدە دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە، يەكشەنبە تۆت نۆۋەت ئۇچىدۇ. بېرىشتا GS7469 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 11:50تە ئۈرۈمچىدىن ئۇچۇپ، سائەت 13:35تە ئارالغا يېتىپ بارىدۇ؛ قايتىشتا GS7470 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 14:20دە ئارالدىن ئۇچۇپ، سائەت 15:40تە ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىدۇ. ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ئۈرۈمچى- ئارال ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ تاق يۆنىلىشلىك ئايروپىلان بېلىتىنىڭ باھاسى تەخمىنەن 800 يۈەندىن باشلىنىدۇ (باجنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ).

mmexport1721896403785

تيەنجىن ئاۋىياتسىيەنىڭ E191 تىپلىق ئايروپىلانى. سۈرەتنى ياۋ تيەنلى تەمىنلىگەن

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125